«جېلىل مەتنىياز ۋەقەسى» نېمە ئۈچۈن خەلقئارا ئاخباراتىنىڭ بۇنداق زور دىققىتىنى قوزغىدى؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.14
qurban-tulum-maw-zedong.jpg ئۇيغۇر ئاتا بالىنىڭ خەلق مەيدانىغا تىكلەنگەن، قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەيكىلى ئالدىدا ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە «مەيدانى مۈجمەل» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن 97 نەپەر يەرلىك ئەمەلدارنى جازالىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىش سەۋەبى ئەڭ دىققەت قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ۋەقە نېمە ئۈچۈن خەلقئارا ئاخباراتتا غۇلغۇلا قوزغايدۇ؟

خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا كادىرلىرىنى باشقۇرۇش رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ 9‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، جېلىل مەتنىياز «سىياسىي مەيدانى مۈجمەل، بايرىقى روشەن بولماسلىق، دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان.

بىراق خوتەننىڭ بىر خىلۋەت كەنتىدىكى بۇ ۋەقە بىردىنلا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

جېلىل مەتنىيازنىڭ مەسىلىسىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»، ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»، خوڭكوڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق خەلقئارا گېزىت-ژۇرناللارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل، ئۇنىڭ جازالىنىش سەۋەبىدۇر.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جېلىل مەتنىيازنىڭ جازالىنىشى «دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا بولۇپمۇ خوتەننىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۈچلۈك رايونلاردا ئۆز ئىرادىسىنى تېڭىشتەك رادىكال تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، جېلىل مەتنىيازنىڭ مەسىلىسى «سەھىيە دائىرىلىرى تاماكا چېكىش مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان خىتايدا تاماكىنى چەكلەشكە يۈزلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى» دەپ كۆرسەتكەن. ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ «يەرلىك ئۆرپ-ئادىتىدە چوڭلار ياكى دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ھۆرمەتسىزلىك» دەپ قارىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەسلى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك بىر خىل ئەدەپ ئەخلاق، بىر خىل تەربىيە. ئەمما جېلىل مەتنىيازنىڭ تاماكا چەكمىدىڭ، دەپ جازالىنىشى ئىجتىمائىي قائىدىنى زورلۇق كۈچ بىلەن بۇزۇشتۇر.

كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى، «جۇڭگو دېموكراتىيە فرونتى» نىڭ رەئىسى شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە شۇ جاينىڭ بىر خىل نوقۇل ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئادىتى ئەمەس. ئۇ يەنە بىر خىل ئەدەپ-ئەخلاق. ئەسلى ئۇنىڭ (جېلىل مەتنىياز) ھەرىكىتى تۇرمۇشتىكى ماختاشقا تېگىشلىك بىر ئىپادە. بىراق ئۇ ھازىر بۇنىڭ ئەكسىچە مۇشۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن جازالاندى ۋە قانۇنغا جاۋابكارلىققا تارتىلدى. بۇنىڭ ئۆزى تۈپ نېگىزىدىن بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەتكە زورلۇق كۈچ بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر.»

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي مەسىلىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇلارنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئۆزىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى، پۈتۈن خىتايلاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىشەنچ قالمىغان. ئۇيغۇرلار ئۇ مەيلى پارتىيەلىك بولسۇن-بولمىسۇن، يەرلىك ھۆكۈمەت خادىمى ياكى ساقچى بولسۇن ۋە ياكى 2، 3‏-تەبىقە پۇقرا بولسۇن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا باشقا مىللەتلەرگە ھاقارەت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئاپەت خاراكتېرلىك سىگنال بېرىدۇ.»

ئۇلرىخ دېلئىۇس يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىكى بۇ ئىشەنچسىزلىكنى يەڭمىسە، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىناقلىق سىياسىتى تامامەن مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، جېلىل ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا رازى بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنىڭغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «غەربنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقەدىن ئېرىشكەن قىزىقارلىق چۈشەنچىسى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئەقەللىي نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇيغۇرلار بەزى مەسىلىلەردە مۇرەسسەلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاياتنى قوغداشنى خالايدۇ. بىراق بۇ ئۇلار ۋاز كېچىدىغان نەرسىلەرنى چېكى بار. چۈنكى، كىملىك، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئائىلىدىن ۋاز كېچىلسە، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇنى بولمايدۇ. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خادىملار، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆز كىشىلىكىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ مەلۇم چېكى كۆرسىتىدۇ.»

ھالبۇكى، كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچى شېڭ شۆنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەب، خوتەندىكى بۇ ۋەقەنىڭ ئىرقىي بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشى ئېغىر بىنورمال بولۇپ، ئۇ ئەڭ ئەقەللىي جەمئىيەت قائىدىلىرىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئىرقىي بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاھىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە شۇ جايدىكى جەمئىيەتكە، شۇ جاينىڭ ئەڭ ئاساسى قاتلىمى-كەنت ئاھالىسى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى يوقىتىشى، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشى، بۇ بىر خىل ئىرقىي بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدۇر. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلمىش خەلقئارا جەمئىيەتنى بىئارام قىلىدۇ.»

بىراق ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خوتەندىكى يەرلىك دائىرىلەر جېلىل مەتنىيازنى جازالىغانلىقىنى ئاقلاپ، «ئۇ پارتىيە سېكرېتارى بولۇش سۈپىتىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بولمىسا، رايوندىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرمىغان بولىدۇ» دېگەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر كادىرلار رەھبەرلىك ئىشخانىسى 9‏-ئاپرېل ئېلان قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتى مىقياسىدا 97 نەپەر كادىرغا چارە كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 68 نەپىرى ئۇيغۇر، 29 نەپىرى خىتاي كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 97 نەپەر كىشىنىڭ بىرى خوتەن ناھىيە ئازنابازار كەنتىنىڭ سېكرېتارى جېلىل مەتنىياز ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.