جەۋھەر ئىلھام: خىتاي دادامنى قاماپ خاتا قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.19
Jewher-ilham-toxti-kishilik-hoquq-kuni.jpg ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى فېيسبۇكقا يوللىغان رەسىمى. 2016-يىلى 10-دېكابىر.
Social Media

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە دادىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ، بۇ ئىل 11- مارت تەبىئەتشۇناس ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان. ئېللىيوت سپېرلىڭ بۇ يىل 29- فېۋرال ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

جەۋھەر ئىلھام ھازىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇماقتا.

مۇخبىر: دادىڭىز ۋە ئۆز ئائىلىڭىزدىن ئايرىۋېتىلىش ھىجرانىغا قانداق تاقابىل تۇرۇۋاتىسىز؟
جەۋھەر: يىغلايدىغانلىقىمنى تەن ئالغۇم يوق، ئەمما، ھەر قېتىم مېنىڭ ئىككى ئۇكام كومپيۇتېر ئېكرانىنى سىيلاپ، خۇددى مېنى سۆيدۇق، دەپ ئويلاپ كومپيۇتېر ئېكرانىنى سۆيۈپ كەتكىنى كۆرگىنىمدە كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمايمەن. ئۆيگەي ئانام ماڭا دائىم، ئۇلارنىڭ رەسىمنى كۆتۈرۈشۈپ قاچان كېلىدىغانلىقىمنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مېنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قۇربۇم يەتمەيدۇ، بۇ مېنى بەك ئازابلايدۇ.

مۇخبىر: سىز ھازىر ھاياتىڭىزدىكى ئىككى مۇھىم ئادەمدىن يەنى دادىڭىز ۋە سپېرلىڭ ئەپەندىمدىن ئايرىلدىڭىز. سىز بۇ مۇھىم كىشىلەردىن ئايرىلىش ئېلىپ كەلگەن روھىي ئازابنى قانداق يېڭىۋاتىسىز؟
جەۋھەر: مەن ھامان بىر كۈنى ئۆزۈمگە تايانمىسام بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
مەندە روھىي تەييارلىق بار ئىدى. ئەمما، بۇنىڭ مۇنچە تېز بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، دادامنىڭ مۇددەتسىز كېسىلىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن.
ئېللىيوتنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدىغانلىقىنىمۇ كۈتمەپتىكەنمەن. ۋاقىت ئۆتۈۋېرىدۇ، ھايات يەنە داۋام قىلىدۇ، سىزنىڭ نېمە قىلماقچى بولغان بولسىڭىز شۇنىڭغا قاراپ سىلجىشتىن باشقا چارىڭىز قالمايدۇ.

مۇخبىر: كېيىنكى پىلانلىرىڭىز قانداق؟
جەۋھەر: بىز ھازىر يەنى دادام ھەققىدە بىر كىتاب يېزىش، دادامنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش، دېگەندەك بەزى ئىشلار ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. ئۇندىن كېيىن، ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا دادامنىڭ مەسىلىسىگە قارىتىلغان دىققەتنى كۈچەيتىش ۋە ياردەم ئىزدەش.
دادامنى قۇتقۇزىدىغانغا ھازىرچە بىر كونكرېتنى پىلان يوق. بىز ياردىمى تېگىدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشمىز كېرەك.

مۇخبىر: ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشلىرىڭىز ھەققىدە توختالغان بولسىڭىز؟
جەۋھەر: مەن ھازىر سىياسەتشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتىمەن. ئەمما بۇ، مەن كەلگۈسىدە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپمۇ ئەمەس. مەن بۇنى دادام ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتىمەن خالاس. دادامنىڭ مەسىلىسىنى قانچە تېز بولسا، شۇنچە تېز ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن ۋە ئۇندىن كېيىن مەن ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن.

مۇخبىر: دادىڭىزنى بىز ئاڭلايدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈڭىز بار؟
جەۋھەر : بەرداشلىق بېرىڭ. سىز ھامان بىر كۈنى چىقىسىز. بۇنى بىلىسىز توغرىمۇ؟

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتىگە نېمىلەرنى دېمەكچىسىز؟
جەۋھەر: ناھايىتى كۆپ نەرسىلەر بار ئۇلارغا دەيدىغان، ئەمما ئۇلار ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇلارنى دېمەكچىمەن: مەن سىلەرنى دادامنىڭ ھېچنېمىنى خاتا قىلمىغانلىقىنى بىلىدۇ، دەپ چۈشىمەن. بەلكىم سىلەر بىرىنى تۈرمىگە قاماش ئېھتىياجى ئۈچۈنلا دادامنى تاللىدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ دادامنى قاماپ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىڭلارنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنى قويۇۋېتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چوقۇم پۇشايمان قىلمايسىلەر.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-سېنتەبىردە «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.