كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي تىبەتتىكى خاتالىقىنى ئۇيغۇر رايونىدا تەكرارلاۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.01.23
chen-quanguo-chen-chuengo-4.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
cpad.gov.cn

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 20‏-يانۋار ‏«خىتاي تىبەتتىكى خاتالىقىنى ئۇيغۇر رايونىدا تەكرارلاۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىكى قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئەينەن ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دوكتور سوفىيە رىچاردسون قەلەمگە ئالغان ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگونىڭ تىبەت خىزمىتىدە ئېرىشكەن تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بۇ رايوندىكى نارازىلىقنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقتىكەن.

چېن چۈەنگو ئىلگىرى تىبەتنى باشقۇرغان 5 يىل ئىچىدە تىبەتلەرگە پاسپورت بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلغان. ئىبادەتخانىلارنى چېقىپ، لامالارنى تارقاقلاشتۇرغان. تىبەت-خىتاي ئۈز ئارا تويلىشىش ۋە تۇغقانچىلىق ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تويلاشقان خىتاي-تىبەتلەرنى ئالاھىدە پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلىگەن. ۋىدېئو-كامېرا ۋە قاراۋۇلخانىلارنى كۆپەيتىپ، تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

دوكتور رېچاردسون دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىكى سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتىدىكى ئورتاق نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۆچۈرۈپ يولغا قويغان ئەڭ تىپىك سىياسەتلىرىنىڭ بىرى، ئۆز ئارا تۇغقانچىلىق ئورنىتىش سىياسىتىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلاردىكى ئوخشاشلىقتۇر. چېن چۈەنگو سىياسىي نامىنى تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى، خۇسۇسەن نازارەتنى كۈچەيتىش، كادىرلار خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋېلىش، دىنىي ئەركىنلىككە تۇتقان مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق چىقاردى. بىز ھازىر ئۇنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىنىڭ بىرى، كادىرلارنىڭ بىر ئائىلە بىلەن تۇغقانچىلىق ئورنىتىپ، قەرەللىك ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىدۇر. لېكىن بۇ يەردە ئۇ ئائىلىلەرنىڭ بۇ خىل تۇغقانچىلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل يوق. بەلكى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ بۇ خىل مەجبۇرى تۇغقانچىلىقنى خالىمايۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مانا بۇ بىز دىققىتىمىزنى قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

دوكتور رېچاردسون، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن مەزكۇر رايوندا تېخىمۇ قاتتىق نازارەت، تېخىمۇ قاتتىق دىنىي چەكلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رېچاردسون: بىز بۇنىڭ تېخىمۇ قاتتىق نازارەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ياكى دىنىي ئېتىقادنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىلەپ چەكلىنىشىدىن دېرەك بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. مېنىڭچە بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئېغىر مەسىلە، بۇ رايوندا ئەزەلدىنلا يەرلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتنى بۇنداق قاتتىق چەكلىشىگە قارشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بىر نارازىلىق مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور رېچاردسون ماقالىسىدە يەنە، تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر «شىنجاڭ» ئەمەلدارلىرىنىڭ 2016‏-يىلى 10‏-ئايدا لاسانى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

رېچاردسون، چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان تىبەت پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ يىڭجيېنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىشلىرىدا ئۆگىنىش ۋە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك مېتودلىرىنىڭ بارلىقى» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما بۇ يەردىكى «قىممەتلىك مېتودلار» بارلىق ئۆكچىلەرنى دۆلەتكە تەھدىت، دەپ قاراش، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رېچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى شىنجاڭدا نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىپادىلەشنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى. نەتىجىدە، بۇ رايوندا مەزكۇر سىياسەتكە قارشى تىنچ ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر بىلەن بىرگە، پارتلىتىش ۋە باشقا زوراۋانلىق ھۇجۇملار يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەسىگە تېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان توقۇنۇشنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: دۆلەت كونترول قىلىدىغان ساھەلەر بەك كۆپ ۋە بەك قاتتىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە باغلانغان. پۈتۈن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، سىز بىر دىنغا ئىشەنسىڭىز، ئۇ دەرھال سىزگە قانداق ئىشىنىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشىمۇ توغرا ئەمەس، ئۇ بۇنىمۇ توسىدۇ. ئارقىدىنلا سىز چەتئەلگە چىقىپ كېتىمەن، دېسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ يول قويمايدۇ. سىز چوقۇم ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. ئۇ سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزغا قارىمايدۇ. ئەگەر بىرەر ‏(ئۇيغۇر) چىقىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى تاپسا، بىر يەرگە كاۋاپدان قويۇپ شۇنىڭ تىجارىتىنى قىلاي، دېسە، ئۇنىڭ كاۋاپدېنىنى ئۆرۈۋېتىدۇ. ئاخىرىدا سىزگە ھېچقانداق چىقىش يولى بەرمەيدۇ. چاتاق شۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ ئادەملەرنى ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش يولىغا ھەيدەۋاتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رېچاردسون، ھەر ئىككى رايوندا ئاشكارا تەنقىدنىڭ دۆلەتكە قارشى جىنايەت، دەپ قارىلىشى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ نارازىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئاتقۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكتور رېچاردسون دۈشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە، خىتاي رايوندىكى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، «ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بوغۇش ئەمەس»، دەپ كۆرسەتتى.

رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭچە رادىكاللىشىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ سىياسىي، دىنىي ياكى باشقا ساھەلەردىكى ئۈنۈملۈك يولى كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى چەكلەش ئەمەس، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشتۇر. كىشىلەرنىڭ مەلۇم ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، بۇ ئۇلاردا دۆلەتكە بولغان دۈشمەنلىكنى قوزغايدۇ. بىزنىڭچە شىنجاڭ دائىرىلىرى ياكى مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىنجاڭدا بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلسە، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يولى خەلقنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى چەكلەش پەيدا قىلغان نارازىلىققا چارە تېپىش. مەسىلەن، بۇ خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەركىن تەربىيەلىشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويۇش، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىنى ئۆگىنىشىگە ئوخشاش شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق بولىدۇ. رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرگىز خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قىسىش ئارقىلىق بولمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.