لى ۋېيدۇڭ: «جۇڭگو ئۆتكەن 10 يىلدا ھۆكۈمەتكە قارشى 7 خىل كۈچنى تەربىيىلىدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.07.15
guangdong-xitay-namayish-305.jpg خىتاي ساقچىلىرى لىچۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى توسماقتا. 2011-يىلى 9-ئىيۇن.
AFP


خىتايدا چىقىدىغان «جۇڭگودىكى ئىسلاھات» ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىرىكى باشلىقى لى ۋېيدۇڭ فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇندىن كېيىن پارتلاش ئېھتىمالى بولغان زور كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«جۇڭگودىكى ئىسلاھات» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باشلىقى لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى، فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان يېقىنقى 30 - يىلدىن بۇيانقى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، كېيىنكى 10 يىلدا خىتاي گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدا ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر بارغانچە كۈچەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «دۆلەت سوتسىيالىزم يولى» دېگەن ئاتالغۇغا تەبىر بېرىپ، ئۇنى «قىزىل جاھانگىرلىك يولى» دەپ ئاتىغان. لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل دېكتاتورلۇق دۆلەت تۈزۈمىنىڭ خىتاينىڭ بۇندىن كېينكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئېغىر توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىككى قۇتۇپقا بۆلىنىش يەنى بايلىق - كەمبەغەللىك پەرقىنى چوڭايتىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل قالايمىقانچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئاخىرقى ھېسابتا زور ئىجتىمائى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لى ۋېيدۇڭ مۇنداق دەيدۇ، «جۇڭگو 10 يىل ئىچىدە يېڭىدىن 7 خىل قارشىلىق كۈچنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇلار بۇندىن ئىلگىرى يوق بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز نازازىلىقىنى ئىپادىلىشىگە يول قويمايدىغان قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتايدا پارتلاش خاراكتېرلىك زور ئىجتىمائى قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان 7 خىل كىشىلەر توپىنى كۆرسەتكەن.

لى ۋېيدۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار، ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن ئەسكەرلەر، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن كەمسىتىلىۋاتقان دىنىي زاتلار، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىن نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر، بۇ يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئۆي چېقىش ھەرىكىتىدە ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئەرز قىلىۋاتقانلار، ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئىشسىز قالغان ستودېنتلار، سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۈم قىلىنغان زىيالىيلار قاتارلىق 7 خىل كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۇلارنى نۆۋەتتە ھەم كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئاساسلىق كىشىلەر توپى دېيىشكە بولىدىكەن.

لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى يەنە بۇ 7 خىل كىشىلەر توپى ئىچىدىكى يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان بىرىنچى خىل كىشىلەر توپى تەرەققىيات نامىدا يەرلىرى ئىگىلىۋېلىنغان، ئۆيلىرى تارتىۋېلىنغان، مۇقىم كىرىم مەنبەسى ئۈزۈۋېتىلگەن يەنى 3 تىن ئايرىلغان دېھقانلار توپى. 30 مىليوندىن 60 مىليونغىچە ساننى ئىگىلەيدىغان بۇ دېھقانلار ۋە ئۇلارنىڭ 2 - ئەۋلاد پەرزەنتلىرى شەھەرلەردە ئەڭ تۆۋەن ئورۇنلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ جان بېقىۋاتىدۇ، مانا بۇلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن دېيىشكە بولىدۇ» دېگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى، دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان كىشىلەر توپى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئەڭ شىددەتلىك قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر شى جىڭپىڭ باشچىلىقىدىكى نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان ئەمىنلىك ئىچىدىكى تەرەققىيات نىشانىغا يېتەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرىقى 7 خىل كۈچنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.