مەجبۇرىي بايراق ئېسىش بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسى پەيدا بولامدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.11.09
qizil-bayraq-xitay-teshwiqati.jpg مەلۇم يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يول يۈرگەندىمۇ قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى ياز.
Oqurmen teminligen

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن بىرلىشىپ 10 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمىنى تارقاتقان.

فىلىمدا خوتەن خەلقىنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىقىغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ساداقىتىنى يورۇتۇش ئۈچۈن 7 ناھىيە 30 نەچچە ئورۇندا 50 تىن ئارتۇق ئادەمنى زىيارەت قىلغان. فىلىمدا خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى، ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ تويغا بارغاندەك ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ھەتتا لوپ ناھىيىسىنىڭ چارباغ يېزىسىدا بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئۆز قورۇسىدا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ھالبۇكى رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى شۇنداقلا ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال ۋەزىيىتىنىڭ فىلىمىدا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلىرى گەرچە ھەر بىر كوچا-كوي، ئىدارە ئورگان، ۋە ئائىلىلەردە، ھەتتا مەسچىتلەرگىچە ئېسىلغىنى راست بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ پەقەت بىر سۈنئىي بەرپا قىلىنغان بىر كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلغان بىر خوتەنلىك ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان ۋەتەن ۋە بايراق سۆيگۈسىنىڭ ئۇلارنى بىزار قىلىۋاتقانلىقىنى، خوتەندىكى دېھقان ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ فىلىمدىكىگە ئوخشاش خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى ئۆگزىسىگە، ماۋ زېدوڭ ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرەتلىرىنى ھۇجرىسىنىڭ تاملىرىغا ئاسقانلىقىنى، ھالبۇكى بۇلارنى دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن دىيارى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر رايون ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. خوتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز ۋە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن خوتەندىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئىلگىرىكىدىنمۇ ھەسسىلەپ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. يەرلىك ئاممىنىڭ بايراق چىقىشقا مەجبۇرلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى، بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغانلارنىڭ ھەتتا «رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» سانىلىپ ئېغىر جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇستىلىرىدا تارقالغان سۈرەتلەردىكىدەك، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە ساداقەتمەن بولۇشقا مەجبۇرلاشتەك ھادىسىلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان ياۋروپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى جاسارەت ئەپەندى، ھازىر ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئىلگىرىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بىر زۇلۇم دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىز سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بۇ خىل مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن ۋە ياكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن سۈيگۈسىنى ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا بىزارلىق ۋە قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.