ھۈسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.06.13
huseyi-uruch.jpg ئى ئى ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، دۇنيادا ھېچ قانداق كۈچنىڭ ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يوقىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا 10 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق بىر خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پائالىيەتلەر قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايدۇ؟ بۆ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئۇرۇپ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ھۈسەيىن ئۇرۇچ ئەپەندىم، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانداق خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق خىزمەت-پائالىيەت قىلىش پىلانىڭلار بار؟

جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان يەرلەردىن ئالاھىدە ئايرىم ئورنى بار يەرلەردىن بىرى بولۇپ، بىزنىڭ فوند قۇرۇلغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىزمەت-پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز خىزمەت-پائالىيەتلىرىمىزنى ئىككى تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىرىنچىسى: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇش، ئۇلارنىڭ ماددىي-مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئاز بولسىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش.

ئەمما، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز دەپ قارايمىز. ھەقىقەتەن دۇنيا جامائىتى شەرقىي تۈركىستاننى بەك ئاز بىلىدۇ، ئۇ يەردىكى قىيىنچىلىق، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، قىيىن-قىستاق ۋە قەتلىئاملارنى بەك ئاز ئادەم بىلىدۇ. بىلىدىغانلار بەك ئاز بولغاچقا، قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولىدۇ.

بىز مۇمكىن بولغان بارلىق ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئېرىشىشى تېگىشلىك بولغان بارلىق قوللاشلارغا ئېرىشىشىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئالاقىدار خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق، ئاخباراتلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىۋاتىمىز، بۇلارنى قىلىشتا بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق ۋە بىرلىك ئىچىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

ئەلۋەتتە خىزمەت-پائالىيەتلەر ئايرىم بولىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى ئايرىم يولدا ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن ھامان ئۇ يەردىكى ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى ئورتاق بىر ئىش قىلالايدىغان ئورنىمىز ۋە كۈچىمىز بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئالاقىدار بىز ئۆزىمىز ھەم شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشنى ھەم ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە يول يۈرۈشنى داۋام قىلىمىز.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قوشۇمچە قىلىپ باشقا دېمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، ئۇ يەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چوقۇم مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. قانداق بېسىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، قانداق بىر مۇھىت ۋە شەرت-شارائىتتا ياشاشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان» دېگەن كىملىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ئىمكانىيەتلەرنى قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا باردىم، ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىپ چىقتىم، مەن بارغان ھەر يەردە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۈتۈن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش، شۇنچە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ مىللىي كىملىكلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتمەي ياشىغانلىقى ئەلۋەتتە مېنى بەك خۇشال قىلدى. ئەمما ئۇ يەردە يەنە ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان، ئۇلارغا پۈتۈنلەي سېتىلغان ئىنسانلارنى كۆرۈپ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا ئۆزىمىزنى قوغدايمىز، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلايمىز، بۇ مىللىي كىملىكنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىمىز ۋە مىراس قالدۇرىمىز، ھازىر دۇنيادا ھەر شەيئى ناھايىتى تىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھېچ كىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن بۈيۈك سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى ۋە ئۇ يەردىكى كۆپ ساندا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، ھېچ قانداق بىر كۈچنىڭ كۈچى ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ، پەقەت ئاللانىڭ كۈچى ئەبەدىي داۋام قىلىدۇ. خىتايمۇ يوقايدىغان بىر دۆلەت، بۇنى بىز يا كۆرىمىز، ياكى كۆرمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما خىتاينىڭ يوقىلىشىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز.

بىز مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدايدىغان بولساق جانابى ئاللاھ ئۇ يەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىزگە نېسىپ قىلىدۇ. بىز ئۈزىمىز ھەم بۇ ئۈمىد، چۈشەنچە ۋە ئىدىيە بىلەن ياشايمىز ھەمدە بىزدىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلارغا بۇ ئىدىيىلەرنى چوقۇم ئۆگىتىشىمىز كېرەك، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.