ئاتاقلىق كارخانىچى تۇرسۇنتاي سەلىموف قىرغىزىستاننىڭ سايلىمى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015.11.09
Tursuntay-selimof.JPG تۇرسۇنتاي سەلىموف قىرغىزىستان خەلق مەشرىپىدە يىگىت باشلىرى بىلەن بىللە. 2015-يىل 24-مارت، بىشكەك.
RFA/Azad Qasim

بۇ يىل 4-ئۆكتەبىردە قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلامدا يېڭىپ چىققان ئالتە پارتىيەدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت تەشكىل قىلىنغان ئىدى. بىراق ھېچقايسى پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغۇدەك كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايىفنىڭ يارلىقىغا ئاساسەن «قىرغىزىستان سوتسىيال-دېموكراتلار پارتىيەسى» پارلامېنتتىكى ئۈچ پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى.

يېڭىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىقبالى ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتاقلىق كارخانىچى، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تونۇلغان جامائەت ئەربابى تۇرسۇنتاي سەلىموف كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىشىشى، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇرسۇنتاي سەلىموف ئالدى بىلەن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە قانچىلىغان سايلاملارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. بۇرۇنقى سايلاملاردا ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكتىن،خەلق نارازى بولۇپ سايلامنىڭ ئەتىسىلا كوچىلارنى نامايىشچىلار قاپلاپ كېتەتتى. 2010-يىلى بىشكەكتە 1700 قېتىمدىن ئارتۇق نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى ئوچۇق، تازا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقتە ھېچقانداق نارازىلىق كۆرۈلمىدى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىق باشقۇرۇشتىن پارلامېنتلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئۆتكەن بەش يىل داۋامىدا مەملىكەتتە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.»

قىرغىزىستان خەلقئارادا پارىخورلۇق ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايىفنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قوللانغان تەدبىرلىرىنى ھەمدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق، ئاشكارا بىلدۈرۈشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تۇرسۇنتاي سەلىموف مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «پرېزىدېنتىمىز باش بولۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش نەتىجىسىدە دۆلەتنىڭ مۈلكىنى ئوغرىلىغان، پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان قانچىلىغان پارلامېنت دىپۇتاتلىرى، مىنىستىرلار جازالاندى، ھەتتا پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ باشچىسىمۇ پارىخورلۇقتا ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە ئولتۇرىدۇ. ئالماسبېك ئاتامبايىف يەنە، پارلامېنتتا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ ئورنى بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەردى.»

تۇرسۇنتاي سەلىموف قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىگە ئەزا بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىگە ئەزا بولدۇق. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قىرغىزىستان چارۋىچىلىق مەملىكىتى. ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ كۆكتاتچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىمىز بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. قىرغىزىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك كەسپىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى دائىرىسىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى جارى قىلدۇرالىساق ھەمدە تىنچ، گۈللەنگەن ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىپ، چەتئەللەرنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسەك، قىرغىزىستان ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن.»

يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە توختالغان تۇرسۇنتاي سەلىموف ئەپەندى ئاخىرىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىچە شەرھلىدى: «باش مىنىستىر ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ پات-پات ئالمىشىپ تۇرۇشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ھەربىر يېڭىدىن كەلگەن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن. خەلقئارالىق پراكتىكىغا ئاساسلانغاندا، پارلامېنتلىق تۈزۈلمە يولغا قويۇلغان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تۇراقلىق ئىشلەپ كېتەلىشى ياكى ئالمىشىپ كېتىشى تامامەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بۇ قېتىم پارلامېنت تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت قىرغىزىستاندا تىنچ ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىيالىسا، ئۇ ھالدا ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ. ئەگەر ئىقتىسادى تەرەققىياتتا يۈكسىلىش بولمىسا، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناچارلىشىپ نارازىلىقلار كۈچەيسە، ئۇنداق ھۆكۈمەتنى ئەلۋەتتە ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.