خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە مۇھاكىمە (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.07
professor-james-millward-xudson-merkizi.jpg ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2018-يىلى 4-ماي.
RFA/Eziz

جېيمىس مىلۋارد: «نېمە ئۈچۈن ساقچى دۆلىتى پەيدا بولدى؟»

خۇدسون مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەردىن بىرى بولغان جېيمىس مىلۋارد ئامېرىكىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى بويىچە خەلقئارادا ئەڭ ياخشى تونۇلغان ئالىملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يازغان ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئالتە پارچە كىتاب بىردەك ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئىلمىي ماقالىلەر يېزىشتىمۇ ئۇ مول ھوسۇللۇق ئالىملاردىن ھېسابلىنىدۇ.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئالدى بىلەن نۇقتىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ نۆۋەتتە ھەممىلا جايدا «يىغىۋېلىش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل مەركەزلەرگە مەيلى توقسان مىڭ بولسۇن ياكى توققۇز يۈز مىڭ بولسۇن، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنى سولىۋېلىش ئارقىلىق «يۈز بەرگۈسى تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئالىمىز» دېيىشنىڭ زادىلا ئاقماس گەپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا غايەت زور بىر باش ئاغرىقى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى چىگىشلەرنى يېشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر رايوننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىكى خىتاي ھوقۇقدارلار ۋە ئالىملىرىنىڭ ئومۇمىي دۇنياقارىشىنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايلارنى چۈشىنىشتىكى بۇ يېڭىچە پىكىردە بىز ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ خىتاي بولمىغان ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە خىتايلار بىلەن خەلقئارا دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراپ چىقىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئويلايدىغىنى ۋە ھەرقاچان ئەندىشىلىك نەزەردە قاراپ كەلگىنى ‹خىتايلىق بىز› ۋە ‹ئاجايىپ-غارايىپ ياتلار› چۈشەنچىسىدۇر، خالاس. بۇ ھال خىتاينىڭ تارىخىدا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە قايتا تەكرارلانماقتا. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ‹ئالەم› نىڭ مەركىزى خىتاي بولۇپ، پۈتكۈل جاھاننىڭ ئىشلىرى خىتاينىڭ رەپتارىغا بېقىپ ئايلىنىشى لازىم. ھازىرقى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەرمۇ دەل مۇشۇ خىل پىكىر ئېقىمى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئاندىن قالسا خىتايلاردا ئەنئەنىۋى يوسۇندا داۋام قىلىپ كەلگەن ھەمدە ھازىر قايتىدىن جۇش ئۇرۇۋاتقان ئىككىنچى مۇھىم چۈشەنچە دەل ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كەلگەن ‹خىتايلاشتۇرۇش› تەدبىرىدۇر. بۇ چۈشەنچە بويىچە بولغاندا، خىتاي بولمىغان ‹ياتلار› ياكى ‹ياۋايىلار› ۋە ياكى ھەرقانداق خىتاي بولمىغان بىرى زامان كاتېگورىيەسى ئارقىلىق‹مەركىزىي› ئورۇندىكى خىتاي بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى، ماگنىتنىڭ تۆمۈر ئۇۋاقلىرىنى ئۆزىگە تارتىۋالغىنىدەك ئاشۇ مەركەزگە چاپلىشىشى لازىم. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ خىتايغا قوشۇلۇپ كېتىشى لازىم. كوڭزىچىلىق ئاساسىدىكى بۇ چۈشەنچە بويىچە خىتاينىڭ سىرتىدىكى پۈتكۈل دۇنيا مۇشۇ رەۋىشتە ئۆزلۈكىدىن خىتايغا يېپىشقان، خىتايمۇ تاجاۋۇزچىلىق شەكلىدە ئەمەس، بەلكى تىنچلىق شەكلىدە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغان، دەپ قارىلىدۇ.»

پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر ھەققىدە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ سىياسىي ۋە مىللىي مەسىلىلەردە قارار بەلگىلىگۈچى شەخسلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە باشقىچە قاراشلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا «ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقىتىلىپ، ساقچى دۆلىتىنىڭ بەرپا بولۇشى» دا بۇنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي مەسىلىلەر ساھەسىدىكى نەزەرىيەچىلەر، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزەرىيەچىلىرى، سىياسەت نەزەرىيەچىلىرى دېگەندەكلەر ‹خىتايلاشتۇرۇش› سىياسىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا ‹ئۆتمۈش زامانلاردا بۇنىڭ قالتىس رولى بولغان، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىز بۇنى تاشلاپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن ھازىر شىنجاڭدا ۋە تىبەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان چاتاقلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ،› دېيىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەرىيەچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادلىرى ھازىر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ياكى خىتايلاشتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد نەزەرىيەچىلىرى، يەنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇتەپەككۇرلىرى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ نەزەرىيەچىلىرى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى رەڭگارەڭ مىللىي تەركىبلەر دۇنياسىدىكى بىر مىللەت، دەپ قاراپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قەغەز يۈزىدىكى ‹تېررىتورىيەلىك› ياكى ‹ئاپتونومىيەلىك› ئالاھىدىلىك شەكلىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى. بۇ ھال 1950-يىللاردا خىتايدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشى بولسا دەل مۇشۇ خىلدىكى ئايرىم مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى ياكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۈستىگە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بىرلىكلىرىنىڭ (سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى خىتايدەك) بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە زور خەتەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.»
پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە خىزمەت قىلدۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە تارىختىن ساۋاق ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىكى مۇشۇ ئەندىشە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىگە روبىرو بولغان. دەل ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ نۇقتا ھازىرقى «ساقچى دۆلىتى» نىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشىنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھالبۇكى، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ خىل مىللىي كىملىككە قارشى بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ‹قوش تىل مائارىپى› نىڭ ھازىر خىتاي تىلىغا ئۆزگىرىشى، تۈرلۈك مىللىي خاراكتېر ۋە مەدەنىيەت بەلگىلىرى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىدىكى رامىزان تۇتۇش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، ياغلىق-رومال ئارتىش دېگەنلەرگە ناتوغرا شەيئى سۈپىتىدە قاراش ھەمدە بۇلارغا قارىتا تۈرلۈك مەدەنىيەت ھۇجۇملىرى ئۇيۇشتۇرۇش دېگەنلەر ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئاساسەن ئورۇنلىنىپ بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ‹مۇقىمسىز› دەپ قاراپ كەلگەن شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدا بۇ خىل مەجبۇرىي يوسۇندىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تېخىمۇ شۇنداق بولدى. دېمەك، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش -خىتاينىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي رەھبەرلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، بۇ مۇمكىنچىلىك ئۆتمۈشتە كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان؛ ئىككىنچىدىن، خىتايلار بىردەك ساداقەت چۈشەنچىسىنى ۋە ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق نىشان قىلىنغان مىللەتنى ئىتائەتچان قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى كونا ئۇسۇللار ھەمدە ھازىرقى ‹سىياسىي ئۆگىنىش› پائالىيەتلىرى، شۇنىڭدەك ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› غا ئوخشاپ كېتىدىغان ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە يۈز مىڭلاپ كىشىنى سولىۋېلىش ھەمدە ئۇلارنى سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش دەل مۇشۇنىڭ مىسالىدۇر. چۈنكى بۇ كىشىلەر پەقەت مىللىي تەركىبى ۋە دىنىي ئېتىقادى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ يەرلەرگە كىرىپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى چېن چۇەنگونىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ ھۇلى بولۇپ قالغان.»

پروفېسسور مىلۋارد ئەنە شۇ يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بەرپا قىلىپ چىققان «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمىنى بىر پۈتۈن تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تارىختا ئىجرا قىلىپ كەلگەن ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسىنىڭ داۋامى دەپ قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە قاتناشقان باشقا شەخسلەرمۇ شۇ قاتاردا ئۆزلىرىنىڭ خاس قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.