خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە مۇھاكىمە (3)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.10
sara-cook-luisa.jpg ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خادىمى ساراھ كۇك خانىم ۋە «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خادىمى لۇئىزا گرېۋ خانىم سۆز قىلدى. 2018-يىلى 4-ماي.
RFA/Eziz

ساراھ كۇك ۋە لۇئىزا گرېۋ: «ساقچى دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ؟»

ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون مەركىزىدە 4-ماي كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خادىمى ساراھ كۇك نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىش بىلەن قانداق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ساراھ كۇك نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك بۇ ھادىسىلەرنىڭ قانداق ئەكس تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىدە روشەن بەلگىلەردىن سانىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنىڭ نۆۋەتتە «ساقچى دۆلىتى» نىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولغان ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭمۇ «ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنى ھەققىدە سۆز بولغاندا بىز شىنجاڭدا شۇنى بايقايمىزكى، ئىسلام دىنى ئىزچىل يۈكسىلىش ھالىتىدە بولۇپ كەلگەن. بىز بۇنى دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ساھەلەردىن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مەسىلەن، تۇڭگانلار تېخى يېقىنقى يىللاردىلا مىڭلاپ مەسچىتلەرنى سېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلار بولسا ئىسلام ئېتىقادىدىكى نېگىزلىك ئىدىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان مۇستەقىل مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان مەدەنىيەت ساھەسى تامامەن تاقالغان. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئوخشاش دىنىي ئېتىقادتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۇڭگانلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدە، جۈملىدىن كۈندىلىك بەش ۋاق ناماز، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، ھەج-تاۋاپقا بېرىش قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بەكلا زور ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ناۋادا ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشسا يا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ يا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە چۈشىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بەكمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تۇڭگانلارنىڭ بولسا يەڭگىل بولغان دىنىي چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.»

ساراھ كۇكنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ يوسۇندا تۇتقۇن قىلىشتا ئاساسلىق نىشاننى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەرگە قاراتقان. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرى «يىغىۋېلىش مەركەزلىرى» ياكى تۈرمىلەرگە بېرىش بىلەنلا ئاخىرلاشمىغان. تېخىمۇ قاباھەتلىك بولغىنى مۇشۇ خىلدىكى قاماقلارغا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرقاچان قانۇنسىز بولغان «ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش» زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانلىرى بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز 2016-يىلى تاماملىغان دوكلاتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زور كۆلەملىك غايىب بولۇپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ھازىر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى يازغان ئىدۇق. نۆۋەتتە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قېنى قەرەللىك تەكشۈرۈلمەكتە. شۇ ۋاقىتتا بىز زىيارەت قىلغان بىر سابىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەنلىكىنى تەستىقلىغان ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ نەزەردە تۇتقاندا، مۇشۇ ياشتىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىلەردە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. شۇڭا ئالدى بىلەن شىنجاڭدا قانۇنسىز يوسۇندا كېڭېيىۋاتقان، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى توپ-توپ تۇتۇپ كېتىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا قارايدىغان بولساق، بۇ ئىشلارنى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ قىسمىتىنىڭ تەكرارلىنىشى دېمەي تۇرالمايمىز. مۇشۇ سەۋەبتىن ھازىر شىنجاڭدىكى تۈرمىلەردە قىيناق ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى شۇنداق قىسمەتكە مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ.»

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر مۇتەخەسسىس «دۇنيا خرىستىئانلار ئىتتىپاقى» نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خادىمى لۇئىزا گرېۋ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بەزى جەھەتلەردىن ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىيالىنى ئۆزگەرتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىدىن تارتىپ تا ئاخىرەتكە كەتكۈچە بولغان پۈتكۈل جەريانىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە ئۇيغۇر بوۋاقلىرىنىڭ تۇغۇلغاندا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتىن چەكلەنگەنلىكى، بالىلىق مەزگىلىدە ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى، بالاغەتكە يېتىپ توي قىلماقچى بولغاندا «ئەسەبىي» دېگەن قالپاقنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي ئادەتلىرى بويىچە توي قىلىشقا ئىلاجسىز قېلىۋاتقانلىقى، جان ئۈزگەنلەرنىڭ بولسا مەخسۇس بېكىتىلگەن «دەپنە ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىش مەركىزى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يەرلىككە قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى شۇنداقلا «بىر مىللەتنىڭ مىللەت سۈپىتىدە داۋام قىلىش ياكى قىلالماسلىقىدا بۇ خىلدىكى ھاياتلىق ئايلانمىسىغا بولغان قاتتىق كونتروللۇقنىڭ تەسىرى بەك مۇھىم،» دەپ كۆرسەتتى.

لۇئىزا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كېڭەيتىۋاتقان «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزىمىدىكى «زور سوممىلىق ماددىي مۇكاپات» دېگەندەك بىر قاتار «ئىجادىيەت» لەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئەڭ زور ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈر دەپ قارايدىغان، يەنە كېلىپ ئاخىرقى ھېسابتا جىسمانىي جەھەتتىكى قاتىللىققا ئاپىرىدىغان يەنە بىر مەسىلە كىشىلەرنى ئىنسانلىقتىن چىقىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىدۇر. بۇنىڭدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى ‹دۈشمەنلەر› گە قارىتا ئىنسانلىقتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ھەر خىل ناملاردا تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقان ‹خىزمەت گۇرۇپپىلىرى› ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ-قوپۇشقا تەقسىملىگەن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دەل مۇشۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆز بېشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىغا ۋە روھىيىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئۆز ساداقىتى ھەققىدە بەرگەن قەسەملىرىلا ئەمەس، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ‹دۈشمەن› دەپ قارىلىۋاتقان قوشنىلىرى ياكى سابىق ئوقۇتقۇچىسىنى ‹كۈرەش قىلىش› قىلمىشلىرى، ئۇلارغا ئەڭ قەبىھ سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش دېگەنلەر سېپى ئۆزىدىن كىشىلەرنى ئىنسانىيلىقتىن چىقىشقا قىستاشتۇر. بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى نەگەر بارار، دەپ ئويلىنىش توغرا كەلسە يەنىلا ئاشۇ خىل قىسمەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلەردىن سورىساق بولىدۇ. مۇشۇنداق جايلارنىڭ بىرىدىن قايتىپ چىققان بىر قازاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ قازاقىستانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ‹بىزنى خىتايلار مۇسۇلمان بولماسلىققا بۇيرۇدى› دېگەن. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مەقسىتىنى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى يۇيۇپ تاشلاش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكەن.»

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، مۇخبىرلار ھەمدە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.