خوتەن تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى ساقچىنىڭ دوختۇر ئابدۇلىتىپكە ئوق چىقىپ خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.12.19
lukchun-xitay-herbiy-saqchi-qoral.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچىدا چارلاپ يۈرۈش قىياپىتى. 2013-يىلى 28-ئىيۇن، لۈكچۈن.
AFP


بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، بىر خىتاي ساقچى 4 ئامپۇل تەييار ئوكۇلنى ئېلىپ، ياردەمچى ساقچى ئابلىمىتنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتەننىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىلىق دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. دوختۇرخانىدا دوختۇر ئابدۇلىتىپ ئابدۇۋارىس بىلەن سېسترا سالى نىياز توختى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىدى. ساقچى ئابدۇلىتىپنى ئۆزىگە ئوكۇل سېلىپ قويۇشقا بۇيرۇيدۇ.

بىراق ئابدۇلىتىپ تەييار ئوكۇل سېلىش تېببىي مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوكۇلنىڭ تەركىبى ۋە كېلىش مەنبەسىنى سورايدۇ. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ساقچى ئابدۇلىتىپنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالىدۇ ۋە تاپانچىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدۇ.

بىراق ساقچى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ دوختۇرخانا كارىدورىدا ئابدۇلىتىپكە قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقىرىدۇ. بەختكە يارىشا ئوق دوختۇرغا تەگمەيدۇ. ئابدۇلىتىپ ئەھۋالنى دەرھال يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە سېكرېتارغا مەلۇم قىلىدۇ. ئەھۋالنى ئاڭلاپ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خىتاي سىياسىي يېتەكچىسى بىلەن يېزىلىق قوراللىق بۆلۈمنىڭ مەسئۇل خىتاي كادىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ساقچىنى ئەمەس، ئابدۇلىتىپنى سوراق قىلىپ ئۇرىدۇ. ۋەقەنى ئاڭلاپ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا نۇرغۇن ئاھالە توپلىنىپ كېتىدۇ.

ساقچىلار ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، ئاسمانغا يەنە ئوق چىقىرىدۇ. ھالبۇكى، ئابدۇلىتىپ ئاھالىلەرنى تارقىلىپ كېتىشكە چاقىرىپ، توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەتىسى، ئابدۇلىتىپنىڭ دادىسى ئابدۇۋارىس ئاكا ناھىيەلىك ساقچىغا ئەرز قىلىدۇ. بۇ ۋەقە بۇ يىل 2 - سېنتەبىر خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا يۈز بەرگەن. مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈپ تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقىنى زىيارەت قىلدى.

ئابدۇۋارىس ئاكا، خوتەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىلارنى باشقا ساقچىخانىغا يۆتكەپ كېتىپ، ئۇلارغا ھېچقانداق چارە كۆرمىگەن. تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچىخانىغا باشلىقى ساقچىنىڭ ئابدۇلىتىپكە ئوق چىقارغانلىقى خاتالىق، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.