شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سوز قىلماقتا. 2014-يىلى 26-فېۋرال، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سوز قىلماقتا. 2014-يىلى 26-فېۋرال، ئۈرۈمچى.
news.ts.cn

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاخبارات ۋاسىتىسىگە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا 5700 كىلومېتىرغا سوزۇلغان «ئىككىنچى سەددىچىن سېپىلى» بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ چاغدا خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ «سېپىل» نىڭ چېگرا لىنىيىسىگە بولغان كونتروللۇقنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى، تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا رايون بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا يېڭىلاش ساھەسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن ئىدى.

ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا شۆھرەت زاكىر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلار بۇ «سېپىل» ھەققىدىكى باياناتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلاپ بەردى. دوكلاتتا 2023-يىلىغىچە بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۆھرەت زاكىر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ياكى ئىشلىيەلمەسلىك مەسىلىسى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانداق قانات يايدۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر،» دېدى. 

شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ھەققىدە «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدا «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك تەھدىتى مەۋجۇت» دەپ قاراۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق ھالدا قوراللىق ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيەدىكى خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىساك شىخور بۇ خىلدىكى قوراللىق كۈچلەرنى ئاشۇرۇش خاھىشىنى بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن نورمال تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قەدەر قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشنىڭ ھېچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى تەتقىقاتلىرىمدا شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ھەممىلا تەرەپلەر، يەنى خىتايلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۈتۈنلەي كۆپتۈرۈۋەتكەن، دەپ تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم. دەرۋەقە، بۇنىڭدا ھەممىلا تەرەپنىڭ ئۆزىگە يارىشا دەيدىغىنى بار. مەن ھېلىمۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈنلا تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ ھال دۇنيادىكى توقۇنۇشقا پېتىپ قالغان كۆپلىگەن جايلاردا مەۋجۇت. ئەمما يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا نوقۇل ھالدا ساقچى، بىڭتۇەن ۋە قوراللىق قىسىملارغىلا تايىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شىنجاڭدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ سانىنى بۇ دەرىجىدە ئاشۇرۇشنىڭ ھېچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى شىنجاڭغا سىرتتىن كېلىدىغان ھېچقانداق تەھدىت مەۋجۇت ئەمەس. قارايدىغان بولساق شۇنى بايقايمىزكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان مەبلەغ ئەمەلىيەتتە چېگرا لىنىيەسىنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان خىراجەتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە كالىفورنىيەدىكى پامونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تالىشىۋاتقىنى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال ھەرقاچان شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قاچانىكى مۇسۇلمانلار بىرەر ‹سىياسىي› پائالىيەتكە ئارىلىشىپ قالغان ھامان ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نازارىتىگە دۇچ كېلىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىسەك شۇنى بايقايمىزكى، ئۇيغۇرلار ياكى باشقا كىشىلەر بۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تېزلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. بۇ يەنە زېمىن داۋاسى ۋە بايلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ قېزىش ئىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. سىزگە مەلۇم بولغاندەك بۇ رايوندا غايەت زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقالغان. ھازىر بۇ ساھە زور دەرىجىدە گۈللىنىۋاتىدۇ. ئەمما يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بولسا بۇ گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتلاردىن ھېچقانچە مەنپەئەتكە ئېرىشىپ باقمىدى.» 

ئەمما درۇ گلادنېينىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق باستۇرۇشى ئىزچىل داۋام قىلغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق بولسۇن ياكى قىسقا مەزگىللىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولسۇن بىردەك جايىدىلا تۇنجۇقۇپ قالغان. شۇڭا ئۇمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگىدەك بىر كۈچ مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قارايدىغان بولساق 1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ ھال بەكمۇ كەم كۆرۈلدى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بىز راۋۇرۇس تەشكىللەنگەن بىرنەچچە قېتىملىق ھۇجۇملارنى كۆردۇق. ئەمما بۇ ھۇجۇملار باستۇرۇلغاندىن كېيىن رايون مىقياسىدا قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىشقا باشلىدى. ئەمما شۇنىمۇ كۆرۈش لازىمكى، شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندى. ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىگە قوشنا سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش جۇمھۇرىيەتلەرنى ياكى شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان نامىدىكى مۇستەقىل دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بۇ ئارزۇدىن ۋاز كېچىشكە باشلىدى. ئۆتكەن ئون يىلغا قارايدىغان بولساق، بۇ جايدا ئايرىم-ئايرىم شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان پۇقرالار ھەرىكىتى كۆزگە چېلىقسىمۇ، تەشكىللىك ھەربىي ياكى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆزگە چېلىقمايدۇ.»

پروفېسسور ئىساك شىخورنىڭ پىكرىچە، «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسكەر كۆپەيتكەندىن كۆرە، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا پىكىر يۈرگۈزۈش مەسىلىنى ئاسانراق ھەل قىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدا ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولۇۋاتقىنى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق. بۇنداق قارشىلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۇچرايدۇ. مېنىڭچە بۇ خىلدىكى قارشىلىقنى ھېچ بولمىغاندا قىسمەن بولسىمۇ ھەل قىلىش مۇمكىن. مەن بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تەكلىپ ۋە تەۋسىيە پىكىرلىرىمنى سۇنغان ئىدىم. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى بىر ياققا تاشلاپ قويدى. بىلىشىمچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسلام ئەسەبىيلىكىدىن كۆرە ئۇنىڭ تۇڭگانلار ئارىسىدا يامراپ كېتىشىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا كۆپرەك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى بېرىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپرەك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە بۇ خىل توقۇنۇشنى زور دەرىجىدە پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ.»

ئەمما بۇ خىل سۆھبەتنىڭ ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە پروفېسسور درۇ گلادنېي بەكمۇ زور گۇماندا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش ناھايىتى يىراقتىكى ئىش. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بەزىلەر باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بولۇشى سەۋەبىدىن رايون ۋەزىيىتى بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى، دېمەكتە. مېنىڭچە، بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك جىددىيلىشىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدا مىللىي ۋە دىنىي ئامىللار بىردەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇشۇ مىللىي ۋە دىنىي گەۋدىلەر بىلەن سۆھبەت قۇرۇش يولىنى ئاچالىغان بولسا بەلكىم بەزى ئىلگىرىلەشلەر ئوتتۇرىغا چىقار بولغىيتتى، دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ ھالنى شۇنچە خالىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گەۋدىلەر بىلەن ھېچقانداق سۆھبەتتە بولۇپ باقمىدى. راستىنى دېسەك بۇ ھال تىبەتلەرنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتلار بىلەن ئاللىقاچان كۆپ قېتىملاپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا سۆھبەت قۇرغان.» 

«خىتاي ھەربىي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۆھرەت زاكىرنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەت نىشانى ھەققىدىكى سۆزلىرى خىتايدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۇەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېگرا لىنىيەلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى يەتكۈزگەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ قاتتىق بولغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت