ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-09-03
غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2 - ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قارىتا رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچىلىرىگە قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
2013-08-31
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە دەمەشق سىرتى ئېلىپ بېرىلغان خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمىدا ئەسەد مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.
2013-08-31
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان يىلقىچى ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەردە، ۋەقەدە ئۆلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر توغرىسىدا ياكى قولغا ئېلىنغانلار توغرىسىدا بىرەر جۈملە ئەسكەرتىشمۇ يوق.
2013-08-29
ياپونىيە تاكاراجىماشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر» ناملىق خىتاي ئىشلىرىغا ئائىت ماقالىلەر توپلىمىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مىللەت مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
2013-08-27
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال يېقىنقى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر مۇتەپپەككۇر، تونۇلغان شائىر شۇنداقلا پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىي قۇرغۇچىسى.
2013-08-23
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت، موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدا 2008 - يىلىدىن بۇيان ئارقا - ئارقىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى مەيدانغا كەلگەندە، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆپى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىغان. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ، ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
2013-08-23
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي 22 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقىنى سۈي ئىستېمال قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان ئىدى.
2013-08-22
تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ئېچىلغان تۈركمەنلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى، ئەگەر تۈركىيەنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتىدا ئېلىنغان قارارلارنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرەلمەيتتى، دېدى.
2013-08-19
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە ئائىلىلەردىكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلماقچى بولغان شەھۋانىي تور بەتلىرىنى سۈزۈش سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى: خۇاۋېي ئۈستىگە ئالغان.
2013-08-06
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دەرۋازىسىغا «چېقىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىپ قويۇلۇپ تۆت كۈندىن كېيىن ئوخشاش خەت يېزىلغان تاختىنىڭ كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگىمۇ ئېسىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
2013-08-01
31-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيەدىكى ئا 9 تېلېۋىزىيىسىدە ئاتاقلىق يازغۇچى، مەزكۇر تېلېۋىزىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەدنان ئوكتار ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى پروفېسسور دوكتور سۇلتان ماھمۇد قەشقەرىي ئەپەندىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.
2013-07-31
1930-يىللاردىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرغىب قىلىنغان ئۇيغۇرلار 1990-يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى تاراتقۇلاردا «بۆلگۈنچى»، «دىنىي رادىكال» ۋە «تېررورىست» قالپاقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
2013-07-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇققا، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى تېررور گۇرۇپپىلىرىغا باغلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.
2013-07-30
ياپونىيە «خىتاي تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلانغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
2013-07-29
ياپونىيەلىك بىر ئەرباب ياپونىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىيە خادىمى قۇندۇز يۈسۈپ ھەققىدە توختىلىپ، «قۇندۇز يۈسۈپكە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.