دەررىن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى داۋامىدا كۆرگەنلىرى: تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى مىللىي ئايرىمىچىلىق

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىلىق دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېرنىڭ «ياۋرۇ-ئاسىيا خەۋەرلەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدىكى ماقالىسى.
ئامېرىكىلىق دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېرنىڭ «ياۋرۇ-ئاسىيا خەۋەرلەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدىكى ماقالىسى.
eurasianet.org

ئامېرىكا ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېر يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ زىيارىتىگە ئائىت بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى «ياۋرۇ-ئاسىيا خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىنتايىن روشەن مىللىي ئايرىمىچىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىلىق دوكتور ئاسپىرانتى دەررىن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدىكى ماقالىسى «ياۋرۇ-ئاسىيا خەۋەرلەر تورى» دا دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، تېلېفونىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرلۈك نازارەت ئۈسكۈنىلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. 

ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىدە ئېنىق مىللەت ئايرىمىچىلىقى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشنىڭ ئۇنچە تەس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتمەي بىر قانچە يۈز مېتىرمۇ ماڭغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ پونكىتلاردا پەقەتلا ئۇيغۇردەك كۆرۈنگەنلەرنىلا نىشان قىلىدىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بولسا قول ئىشارىتى بىلەنلا ئۆتكۈزۈلۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرپاندىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا شۇ جايدىكى ساقچى ئۇيغۇرلارنى يەرلىكلەر دەپ ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئىككى ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ تىزىلىشقا ۋە كىملىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پەرقلەندۈرۈلىدىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: «كىمنىڭ يەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى ساقچىلار پەرقلەندۈرىدىكەن. نېمىگە قاراپ تۇرۇپ؟ يۈز تېرىسى، كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياكى بۇرنىغا قاراپ تۇرۇپمۇ؟ مەنچە ئۇ كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ گۇمانلىق بولۇپ بولماسلىقىغا قاراپ بولسا كېرەك. چۈنكى ساقچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ساقچىنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويماي، قاتتىق ئىشەنچ بىلەن يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرنى خىتاي بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىدىكەن، ئۇ خىتاي بولمىغان تەقدىردىمۇ» دەپ بايان قىلغان. 

دەررىن بايلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرپاندا ئەنە شۇنداق ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەندە ساقچى ئۇنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى، ساقچىخانىغا كىرگەندە ئەڭ ياخشىسى خىتايچە سۆزلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. دەررىن بايلېر ساقچىخانىغا بارغاندا بولسا ساقچىخانىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچىلارنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قالغان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەن. بىر ئۇيغۇر ساقچى قول تېلېفوندىكى بىر سىكەنىرلەش ئېپى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى رەسىمگە تارتىپ تەكشۈرگەن ۋە بۇنى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. 

دەررىن بايلېر يەنە، ساقچىخانىدا ۋاقتىدا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە كىملىكى سىگنال بەرگەن بولغاچقا ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بۇ بالىنىڭ قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ شۇنداقلا ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ ساقچىخانىدا خىتايچە سۆزلىگەنلىكى، ئەگەر ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن بولسا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. 

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ: «مەن بىر ھەپتىدىن ئارتۇق زىيارىتىم داۋامىدا نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتتۈم. نۇرغۇن ياش ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ چوڭ ياشلىق ئۇيغۇرلارغا كىملىك كۆرسەت، دەپ ئازار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يول بويلىرىدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسى قۇرۇپ مەخسۇس ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا ئولتۇرغاندەك تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئەمما پۈتكۈل بۇ جەرياندا بىر خىتاينىڭ كىملىك كۆرسەتكەنلىكىنى ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىملىك كۆرسىتىشىم كېرەكمىدۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىنىمۇ كۆرمىدىم» دېگەن. 

ئۇنداقتا، خىتاي پۇقرالىرىدىكى بۇ ئىشەنچ قەيەردىن كەلگەن؟ نېمىشقا ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا قىلىنىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى نورمال بىر ئەھۋال، دەپ قارايدۇ؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇنداق بىر مۇھىتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بەرپا قىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ‹گۇمانلىق كىشىلەر› دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇيغۇرغا سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا مۇئامىلىسى قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتايلارنىڭ كاللىسىغا ئاشۇنداق يوسۇندا سىڭدۈرۈلۈپ بولغان. شۇڭا ئۇلار ‹ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈلىدۇ، بىز بولساق ئەركىن ماڭىمىز› دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىغا ھۆكۈمەت شۇنداق سىڭدۈرۈۋەتكەن. ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقى بولسا ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا. بۇ يەردە دىققەت ئېلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بولسا، ياشانغان ئۇيغۇرلارغا ئايرىم ئېتىبار بېرىلمەسلىكى. مەسىلەن ئالايلۇق، ياشانغانلار ئادەتتە ياشلاردەك چاققان بولمىغانلىقى ئۈچۈن قەيەردە تۇرامەن، قانداق قىلارمەن دەپ گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئامېرىكىدەك يەرلەردە ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋە شۇنىڭدەك ئىشلاردا ئۇلارغا باشقىلاردىن كۆپ ۋاقىت كېتىدىغىنى نەزەردە ئېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ۋاقىت بېرىلىدۇ ياكى ئۆچىرەتتە تۇرغۇزۇلمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ياشانغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا بىر تاياقتا ھەيدەلمەكتە. مەنچە بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال.» 

دەررىن بايلېر ماقالىسىدە يەنە، رايوندىكى كۆزىتىش، تەقىب سىستېمىلىرى ئۈستىدىمۇ مەخسۇس توختالغان. ئۇ رايوندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ تېلېفونىدا «پاكىز تور» دەپ ئاتىلىۋاتقان جاسۇسلۇق ئېپى بارمۇ-يوق، تېلېفوندا «دىنى رادىكاللىق» ياكى بۆلگۈنچىلىك مەزمۇندىكى نەرسە كۆرگەن بولسا بۇ ئەپ بىرەر سىگنال بەردىمۇ-يوق دېگەنلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، تېلېفون ئىگىسىنىڭ كىملىكى بىلەن تېلېفوننى تىزىملىتىپ ئالغان كىشىنىڭ كىملىكىنى سېلىشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەڭ قورقۇتىدىغان تەكشۈرۈشلىكىنى، چۈنكى بۇ تەكشۈرۈشلەردىن بىرەر نەرسە چىقىپ قالسا ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز ھالدا «قايتا تەربىيە» گە ئەپ كېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

دەررىن بايلېر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «يېپىق تەربىيە لاگېر» لىرى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن قەشقەردە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىر خىتاي ساقچىغا قاراپ تۇرۇپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئايال كۆزى ياش ھالدا ئۇ ساقچىغا خىتايچە ‹سېنىڭ ئۆيۈڭدە قانچە ئادەم قالدى دەپ باقە› دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ ساقچى بولسا ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى. ئۇ يەردە كىشىلەر يېقىنلىرىنىڭ مۇددەتسىز ھالدا تۇتۇپ كېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇنداق قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ» دېگەنلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرغان. 

ھېنرىي شاجېسكى بولسا دەررىن بايلېرنىڭ ماقالىسىدە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قانچە جىددىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن ئاپتور ماقالە ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئايال بىلەن خىتاي ساقچى ئارىسىدىكى جېدەل ئارقىلىق يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنلىرى مۇشۇنداق ئورۇنلاردا. ئىككىنچىسى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، تەقىب سىستېمىلىرى بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى، جاسۇسلۇق ئەپلىرىنىڭ قوللىنىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بېرىلگەن. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، ساقچىخانىدىكى خىتاي ساقچىلارنىڭ قانداق مەرتىۋىدە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا قانداق مەرتىۋىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىش ئارقىلىق رايوندىكى مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزى يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى. ئەمما بىز بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەنچە دۇنيا بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەك.» 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ سۆزىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇنداق قاتتىق قول نازارەت قىلىش سىياسىتىگە قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت