خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.11.09
helqara-oqughuchilar-elmi-muhakime-yighini-1.jpg خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 6-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى بىلەن تۈركىيە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 6-كۈندىن 8-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئونلىغان ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار، دوكتور، پروفېسسورلار، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇررېشىت قارلۇق، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، مىركامىل قەشقەرلى ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمەت پولات ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور مەھمەت بارژا، يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مېتىن دوغان، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا پروفېسسور دوكتور ئابدۇررېشىت قارلۇق ئەپەندى، «خەلقئارا ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشتە خىتاي-تۈركىيە تەجرىبىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى ۋە ئىككى ئوخشىمايدىغان دۆلەتنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچى تەجرىبىلىرىنىڭ تېخىمۇ تولۇقلىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمەت پولات ئەپەندى، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار خىزمەت-پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاكادېمىك ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پائالىيەتلىرىگە ھەسسە قوشىدىغان بىر ئالىي ئورگان تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتىنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش ۋە پىكىر-ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.»

خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ساھىبخانىلىق قىلىش، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇش، تۈركىيەدە ئىگە بولغان تەجرىبە ۋە بىلىم چۈشەنچىلىرىنى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەرگە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە 38 شەھەردە قۇرۇلغان 49 خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلەشمىسى بولغان بىر تەشكىلاتتۇر.

بۇ تەشكىلات تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈرك تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇش، مەكتەپكە قوبۇل قىلىشقا ياردەملىشىش، ياتاق-تۇرالغۇ جايلار ئورۇنلىشىشىدا ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

بىز خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن مىركامىل قەشقەرلى ۋە ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.