تۇرسۇن باقىنىڭ ئىسمىنى خىتايچە «با خوڭۋېي» غا ئۆزگەرتىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.03.01
tursun-baqi.jpg «يېڭى دەۋردە يېڭىچە ئىسىم-فامىلە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى دوكلات» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ خەۋەردە ئىسمىنى «با خوڭۋېي» غا ئۆزگەرتكەن تۇرسۇن باقىنىڭ سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان.
Social Media

چەرچەن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ئۈندىدار سۇپىسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى تارقاتقان خىتايچە سۈرەتلىك بىر خەۋەردە چەرچەن بازىرى گۈلكۆۋرۈك ئاھالىلەر رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن باقىنىڭ 578 نەپەر كادىر ۋە ئامما ئالدىدا قەسەم بېرىپ ئىسمىنى «با خوڭۋېي» غا ئۆزگەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تۇرسۇن باقى ئەسلىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ چەرچەن ناھىيەسىگە ئوبلاستتىن ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ بارغان ئىكەن. ئۇنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەسەم ئىچىپ، دادىسى ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنى خىتايچە ئىسىمغا ئۆزگەرتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بۇ ھەقتىكى سىن كۆرۈنۈشىدە تۇرسۇن باقىنىڭ مۇنداق قەسەم ئىچكەنلىكى مەلۇم: «مېنىڭ ئىلگىرىكى ئىسمىم تۇرسۇن باقى، ئىچكىرىدىكى دوستلىرىم مېنى ‹باقى› دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يېڭى ئىسىم-فامىلە قوللىنىدىغانلىقىمغا قەسەم بېرىمەن، ھازىردىن باشلاپ مەن رەسمىي ھالدا ‹با خوڭۋېي› دېگەن بۇ يېڭى ئىسىمنى قوللىنىمەن!»

يۇقىرىقى ئۇچۇرغا ئاساسەن بىز بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق خىتايچە «كۈندىلىك خەۋەر تورى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بۇ ئۇچۇرنىڭ «چەرچەن نۆل ئارىلىق» ناملىق ئۈندىدار سۇپىسىدىن نەقىل ئېلىنىپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەجەبلىنەرلىكى بۇ مەتبۇئاتلار 28-فېۋرالغىچە بۇ ھەقتىكى خەۋەر مەزمۇنىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي خادىم ئۆزىنىڭ يېڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن پراكتىكانت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، يۇقىرىقى ئۇچۇردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغىمۇ تېلېفون ئۇلانمىدى.

بۈگۈن رادىيومىزغا بىر ئاڭلىغۇچى تەرىپىدىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەر ئەۋەتىلدى. «يېڭى دەۋردە يېڭىچە ئىسىم-فامىلە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى دوكلات» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ خەۋەردە ئىسمىنى «با خوڭۋېي» غا ئۆزگەرتكەن تۇرسۇن باقىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان: «پارتىيە ئۇزۇن يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم، سىياسىي مەيدانىم، سىياسىي پوزىتسىيەم ۋە سىياسىي تەرىپىم بىلەن يېڭىۋاشتىن يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسىم-فامىلىنى ئىشلىتىمەن. ئالدى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆرنەك تىكلەيمەن، ئەتراپىمدىكى ئاھالىلەرنىمۇ تەربىيەلەپ ۋە تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ماس ئىسىم ئىشلىتىشكە قايىل قىلىمەن. . .»

رادىيومىزغا ئۆزىنى تۇرسۇن باقى بىلەن بىر يۇرتلۇق دەپ تونۇشتۇرغان بىرىنىڭ ئەۋەتكەن ئىنكاسىدا، تۇرسۇن باقىنىڭ كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھاتلار بېرىلگەن. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، تۇرسۇن باقى ئەسلىدە لوپنۇرلۇق بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئىكەن. ئۇ نۆۋەتتە كورلادىن چەرچەنگە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر سۈپىتىدە خىزمەت ئۆتەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى باقىر قارىم لوپنۇر ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئاكتىپ كادىر ئىكەن. ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا مەنسەپ تۇتۇۋاتقانلار بولۇپ، تۇرسۇن باقىنىڭ ئىنىسى قۇربان باقىمۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر ئىدارىدە ئەمىلى بار ئىكەن. سىڭلىسى كورلا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى، كىچىك ئىنىسىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى ئىكەن. مەزكۇر ئىنكاس قىلغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ تۇرسۇن باقىنىڭ ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئانچە ھەيران قالمايدىكەن، چۈنكى ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ 1980-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇش جەريانىدىمۇ سىياسىي ئاكتىپلىقى بىلەن پارتىيە ئەزاسى بولغان ئىكەن. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ھەرخىل قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇتۇپ ئىنكاس بىلدۈرگەن ئىكەن. تۇرسۇن باقىنىڭ ھوقۇقپەرەسلىكى ۋە شۆھرەتپەرەسلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭ جامائەت ئىچىدە «قىزىل پاچاق» دېگەن نامى بار ئىكەن.

مەزكۇر ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «كورلادىكى ئۇيغۇر كادىر تۇرسۇن باقىنىڭ قەسەم ئىچىپ، ئىسمىنى ‹با خوڭۋېي› غا ئۆزگەرتىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دىن بۇيان بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا ئىسمىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈپ ‹ئوچۇق خەت› ئېلان قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك بىر يېڭى دولقۇننىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.»

دەرۋەقە، بۇنىڭ ئالدىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ «مەن ئۇيغۇر، ئەمما مۇسۇلمان ئەمەس» دەيدىغان تۆۋەنامىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. چەرچەن ناھىيەسى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ مۇكاپات تەسىس قىلغان ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئافراسىياپ ئەپەندى ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ مەيلى ئىختىيارلىقى ياكى بېسىمدىن بولسۇن ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئىپادىسى بولغان ئۆز ئىسمىدىن كېچىپ، خىتايچە ئىسىمنى ئىشلىتىشى «ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچقا كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،» دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى توپتىن يوق قىلىشىنىڭ تەييارلىقلىرى ھەر تەرەپلىمە ۋە ئەتراپلىق ئىشلىمەكتىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىدىن ئايرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان ئىسمىنى يوقىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش گىردابىغا قاراپ ئىتتىرىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. ئافراسىياپ ئەپەندى «نۆۋەتتىكى بۇ ئەھۋالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك مىللىي كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.