ئۈرۈمچىدىكى سۇ كرىزىسى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئاگاھلاندۇرماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.12.20
su-mesilisi.jpg ئۆيىگە سۇ توشۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار.
Photo: RFA


ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سۇ ۋە مۇھىت مەسىلىسى بويىچە ئىچكى قىسىمدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقان سۇ كرىزىسىنى ئاشكارا قىلماقتا.

قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى بويىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دوكتورلىرىدىن پەيزۇللا زەيدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى سۇ كرىزىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «مەركىزىي شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى» دا 2015 - يىلىغا بارغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى 4 مىليونغا يەتكۈزۈش، 2020 - يىلىغا بارغاندا 5 مىليونلۇق چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇش مۆلچەرلەنگەن. بۇ پىلان نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە سۇ قىسلىقى كۆرۈلۈۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەيرىي نورمال سۈرئەتتە كېڭىيىشىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئېغىر كرىزىسلاردىن سىگنال بەرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى جاڭ گوۋېن ئۈرۈمچىدە كۆرۈلۈۋاتقان سۇ كرىزىسى ھەققىدە رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن جاڭ گوۋېن ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان ژۇرنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتە تەكلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سۇ كرىزىسى ھەققىدە دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان مەزكۇر دوكلاتى كېيىنچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىدىغان «شىنجاڭ تارىخ - مەدەنىيىتى» ناملىق ئىچكىي ژۇرنالدا بېسىلىپ چىققان.

ئۇ مەزكۇر دوكلاتىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى سۇ كرىزىسى پەيدا قىلغان مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر ئەھۋالدىن ئاگاھلاندۇرغان:

بىرىنچى، سۇ زاپىسى بىلەن تەمىنلەشتە كەسكىن ۋەزىيەت كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ بايلىقى 1 مىليارد 120 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلانغىلى بولىدىغىنى 1 مىليارد 67 مىليون كۇبمېتىر ئىكەن. ۋاھالەنكى، 2011 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 1 مىليارد 100 مىليون كۇبمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش مىقدارىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ نۇقتىنى دوكتور پەيزۇللا ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئىككىنچى، سۇ مەنبەسى ئېغىر دەرىجىدە ئازايغان. جاڭ گوۋېننىڭ ئەمەلىي ستاتېستىكىلىق ماتېرىياللاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ سۇ مەنبەسى بولغان 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئورنى ئۈستىگە 140 مېتىر تارايغان، مۇزلۇق كۆلىمى 40 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان. ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى - سايئوپۇ كۆلىنىڭ سۇ يۈزى 2 مېتىردىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ، كۆلىمى 10 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان. پەيزۇللا ئەپەندى 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق كۆلىمىنىڭ تارىيىشى ئۇرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇ مەنبەسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈچىنچى، سۇ ئىشلىتىش پىلانى سۇ زاپىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. جاڭ گوۋېن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا 5 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەمىي 1 مىليارد 500 مىليون كۇبمېتىر سۇغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇنداق بولغاندا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۈرۈمچىدە مەۋجۇت بولغان 1 مىليارد كۇبمېتىر سۇ زاپىسى كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجدىن خېلى زور دەرىجىدە ئازلىق قىلىدىكەن. دوكتور پەيزۇللا ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، كەلگۈسىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمان - پەلەك ئېگىز بىنالار بىلەن تولغان، دەل - دەرەخسىز يالىڭاچ شەھەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆزىدىكى ئېغىر سۇ كەمچىللىكىگە قارىماي داۋاملىق كېڭەيتىلىدىغان ۋە نوپۇسى سۈنئىي ئۇسۇلدا ھەسسىلەپ كۆپەيتىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىدىن خالىي جايغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.