ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ «قەشقەر قەدىمىي شەھەر» ھەققىدىكى تەسىراتلىرى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.19
qeshqer-cheqish-kiran.jpg «ئەلالاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن چىقىلىۋاتقان قەشقەر شەھىرى ۋە مەسچىتلەر.
Social Media

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، بىخەتەرلىك كامېرالىرى، قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى رايوننى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە فانتازىيەلىك فىلىملاردىكى پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى بىلەن مۇتلەق كونتروللۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان قاراڭغۇ بىر كېلەچەكنى ئەسلەتسە، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىگە كۆمۈلۈش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىمۇ ئۇلارنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان زىيارەت خاتىرىلىرىدە بولۇپمۇ قەشقەردىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، كورلا قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر ئامېرىكىلىق ياش ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ياش قەشقەر ھەققىدە توختالغاندا قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ رايونغا بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرگەن بولغاچقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە كاللىسىدا بەزى ئېنىق مەلۇماتلار بارلىقىنى، بىراق ئۇ جايغا بارغاندا بولسا ئۆزىنىڭ كۈتكەندەك مەنزىرە بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپرەك خىتاي مەدەنىيىتىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپتۇ. چۈنكى رايون مەن ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك خىتايلاشقان ئىدى. مەسىلەن، قەشقەردىكى ‹قەدىمىي شەھەر› رايونى دەپ ئاتالغان جاي - ئۇ يەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ‹قەدىمىي› ئەمەسلىكىنى، تېخى بىر قانچە يىل ئاۋۋاللا ياسالغان بىر يەرلىكىنى بىر قاراپلا بىلەلەيسىز. بۇ يەر ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنغان ئىكەن. راست گەپنى قىلسام، ئۇ يەر ماڭا خۇددى ھايۋاناتلارنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان باغچىلارنى ئەسلەتتى. ئۇ يەردە مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىۋالغان ئۇيغۇرلار باركەن، ئاندىن خىتاي ساياھەتچىلەر كېلىپ رەسىمگە چۈشىدىكەن. يەنى ئۇنىڭ تېشىغا چىقسىڭىزلا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ئائىت ھېچنېمە كۆرمەيسىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ. مانا بۇ زىيارىتىمدە مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغان بىر ئىش بولدى.» 

يېقىندا يەنە قەشقەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر خەلقئارالىق موتسىكلىت مۇسابىقىسىنىڭ قاتناشقۇچىسى تەرىپىدىن «رېئاكسىيە» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ مانا بۇ مەسىلە ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ئەسلىمىنىڭ مۇئەللىپى روسەي سىسىل «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تايانچ نۇقتىسى قەشقەرنى ۋەيران قىلىشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بۇ يىل ئىيۇندا بىزنىڭ ئەترىتىمىز يېپيېڭى سېلىنغان ‹قەدىمىي شەھەر› نى، جۈملىدىن قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۇ ئەسلىدىكى جەزبىدارلىقى ۋە تارىخىنىڭ ئەڭ چاكىنىلاشتۇرۇلغان ھالىتىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ قېتىم بىر ئادەممۇ بىزگە گەپ قىلمىدى. ئىلگىرى بىز بۇ يەرگە كەلگەندە ئادەملەر موتسىكلىتلىرىمىزنى ئورىۋېلىپ بىزدىن قۇمدەك سوئال سورايتتى. 1989-1990-يىللاردا مەن كۆرگەن قەشقەر ئەنە شۇنداق ئىدى. . . مەن كۆرگەن توپىلىق كوچىلار، لايدىن ياسالغان ئۆيلەر، كېچىلىرى بۇ كوچىلارنى بويلاپ ماڭغىنىڭىزدا ھويلىلاردىن قۇلىقىڭىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان گۇڭۇر-مۇڭۇر ئاۋازلار، ئاسماننى بىر ئالىدىغان مەزىننىڭ ئەرزان ئاۋازى، قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدا ماڭغىنىڭىزدا ئېشەككە قېتىلغان ياغاچ ھارۋىلاردىن چىقىۋاتقان غىجىر-غىجىر ئاۋازلار. . . . بۈگۈن بۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسەر يوق. خىتايلار بۇ كونا بازارلارنى، ئۇنىڭ قەدىمىي تاملىرىنى چېقىپ تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ.» 

يېقىندا، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىدىغان «مېدۇزا» ناملىق تور بەتتىمۇ بىر رۇس تىللىق ساياھەتچىنىڭ قەشقەردىكى زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ كىشىمۇ خۇددى دېسنىي باغچىلىرىغا ئوخشاش ياساپ قويۇلغان بۇ ئاتالمىش «قەدىمىي شەھەر» رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئۇلارنى رەسىمگە تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلۈكىنى بايان قىلغان ئىدى. بىزنىڭ رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان يۇقىرىقى ئامېرىكىلىق ياش بولسا قەشقەرنى ساياھەت قىلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزىدە ئاجايىپ بىر تۇيغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنى مۇنداق دەپ ئىزاھلىدى: «مېنى قەشقەردىكى زىيارىتىم جەريانىدا يەنە بىر نەرسە مېنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى. نۇرغۇن خىتاي ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلار خۇددى بىر مەنزىرىدەك، ئۇلار ئادەم ئەمەس خۇددى بىر جىسىمدەك مۇئامىلە قىلىدىكەن. ياكى مۇنداقچە ئېيتسام، ئۇلار باشقا بىر ئىنسانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى خۇددى بىر سافارى ساياھىتى قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ماڭا بەك باشقىچە بىلىندى. بۇ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراشلىرى، قىلغان مۇئامىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرىدا مۇستەملىكە قىلغۇچى بىر مىللەتنىڭ كىبرىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىسىز. راست گەپنى قىلسام، ئۇنى كۆرۈپ بەدىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى» 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بۇ ئامېرىكىلىق ياش ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىرلىقىنى قەيت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.