«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.06.06
Yanfon-Tekshurush.JPG شەھەر پۇقرالىرىنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرىۋاتقان ساقچىلار. ئۈرۈمچى. 2017-يىلى ئىيۇل.
Social Media

«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە 31-ماي كۈنى «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇردى» ماۋزۇلۇق بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «ھاكىممۇتلەق ئىرادە ۋە زامانىۋى پەن -تېخنىكا ئىنسان ھوقۇقىنىڭ غايەت زور كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ قويۇلغان. ماقالە يەكەنلىك ھەسەن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ سەرگۈزەشتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك باشلانغان: «سۇلايمان پەيغەمبەر بىر كۈنى ئوغلىغا ‹ئوغلۇم، مەن خۇدادىن چاقىرىق تاپشۇرۇۋالدىم. سەن دۇنيانى ئايلىنىپ روھىي ھاياتلار كۆپمۇ ياكى روھىي ئۆلگەنلەرمۇ، دېگەننى تەكشۈرۈپ كەلگىن› دەپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئوغلى قايتىپ كېلىپتۇ ۋە دادىسىغا ‹دادا مەن نۇرغۇن جايلارنى زىيارەت قىلدىم. بارغان يېرىمنىڭ كۆپىدە مەن روھىي ھاياتلارغا قارىغاندا روھىي ئۆلگەنلەرنى كۆپ كۆردۈم›، دەپتۇ.

يەكەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، 23 ياشلىق ھەسەن مانا بۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى 2015‏-يىلى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلىگەن. ھەسەننىڭ ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتىچىسى دەررىن بايلېرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھەسەن قاشتېشى ۋە ئاياق سودىسى قىلىش ھەم شۇنداقلا ئىسلام ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكەن ئىكەن. ھەسەن 5 ۋاق ناماز قىلىدىغان بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە بىر كىچىك قىزى بار. ئەمما 2015-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈرۈمچىدىكى ھەممە كىشىنى يۇرتلىرىغا قايتىپ، يېڭى كىملىك كارتىسى ئېلىشقا بۇيرۇغان. ھەسەننىڭ دەررىن بايلىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، يەتكەن ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى تېلېفون قىلغان، ئاتا -ئاناسىنىمۇ ھەر كۈنى ئوخشاش گەپنى قىلدۇرۇپ تېلېفون قىلغۇزغان. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇلار 20 سائەتلىك يولنى بېسىپ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىققان ئەمما ئاپتوبۇس بىر قارا ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ ماشىنا ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ھەسەننىڭ ئايالى ۋە قىزى ئۆلگەن. ئۆزى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. . .»

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە ھەسەن يارىلانغان ۋە ئۆلۈملۈك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىشىغا يول قويمىغان. ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قالغان. يەنى، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇمۇ يەكەندىكى «قايتا تەربىيە لاگېرى» غا مۇددەتسىز ئېلىپ كېتىلگەن. ماقالىدە، ھەسەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يوقاپ كەتكەن يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىنىڭ پەقەتلا بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئوقۇرمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار بەزى ئارقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەمىنلىگەن. يەنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىققا ئىگە زېمىنلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيە، ئوتتۇرا-ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يېقىلغۇلىرىنىڭ مۇشۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقى، رايوننىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول»ئىستراتېگىيەسىدىكى ھالقىلىق بىر ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور 2009‏-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەگەشمە «تېررور ۋەقەلىرى» بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكى، ‏2016-يىلى ئاخىرىدا چېن چۈەنگو كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە تەقبىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ «بۇ رېجىم ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ھەربىر ئامىلىنى كونترول قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كەلگەندە ئىنتايىن ئىرقچى، شەپقەتسىز ۋە ھاكىممۇتلۇق بىر رېجىم. ئۇ، ئىنتايىن تولۇق ۋايىغا يەتكەن بىر ساقچى دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئەمما ئەڭ سەل قارىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېلىپ بارماقتا» دېگەن.

ماقالىدە ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىدا سولىنىپ ياتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار بېرىلىپ، تۆۋەندىكى كۆز قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن : «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خېلى زور بىر قىسمى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. ئەگەر قەشقەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسبىتىنىڭ باشقا شەھەرلەردىمۇ ئوخشاش نىسبەتتە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بۇ دېگەنلىك 10 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %5 پىرسەنتى تۇتقۇن قىلىندى، دېگەنلىك بولىدۇ. باشقا ئىسپاتلاردىن قارىغاندىمۇ بۇ پەرەز توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرلار بەك زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون ھېسابلانمايدىغان، شىمالدىكى ئارالتۆپە يېزىسىدىكى 11 ئائىلىگە تېلېفون قىلغىنىدا 11 ئائىلىنىڭ 6 ئائىلە ئەزسىىنىڭ تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. كېيىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى زىيارەت قىلغان قاراقاش ناھىيەسىدىمۇ 4 ئاي ئىچىدە 5 پىرسەنت ئاھالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى».

ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ سانىنى 800 مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەنلىكى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى تىمۇسىي گىرۇسنىڭ 500 مىڭ بىلەن 1 مىليون ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە بىر قىسىم قانلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1500 ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قارمىقىدا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇلارنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئاپتور ئەسكەرتىپ «يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىستېمىسىنى ئاقلاشقا يەتمەيدۇ» دېگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە زوۋراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بىرمۇ -بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ، خوتەندە ھەر 300 قەدەمدە بىر قولايلىق ساقچى پونكىتى، ھەر 1 كىلومېتېردا 4-5 يەردە تەكشۈرۈپ پونكىتى بارلىقى، كوچا -كويلاردىكى تۈۋرۈكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىر قەدىمىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور نۇقتىلىق توختالغان يەنە بىر مەسىلە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل رايىنى سىناش» نامىدا ۋە «قوشماق تۇغقان» نامىدا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن كادىرلار بولغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆيى ئىچىدىمۇ كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر رەسمىي دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 1.1 مىليون كادىرنىڭ 1.6 مىليون ئائىلە بىلەن قوشماق تۇققانلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ دېگەنلىك، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ يېرىمىدە خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىردىن جاسۇس بار، دېگەنلىكتۇر» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئىرقچىلىق تۈسنى ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «قائىدە بويىچە شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەممە كىشىگە باراۋەر يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ بۇرۇن جەنۇبىي ئافرىقىدا بولغاندەك ئىرقچىلىقنى ئاساس قىلغان. بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 80 پىرسەنت ئۇيغۇر ياشايدىغان جەنۇبىي رايونلىرىدا زور مىقداردا ئورۇنلاشقان. ئەمما 95 پىرسەنتى خىتاي بولغان شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئىنتايىن ئاز، بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار نورمال دەرىجىدىكى تەكشۈرۈش. تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بولغان يەرلەردە خىتاي مىللىتىدىن بولغانلار ئادەتتە قول ئىشارىتى بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىلىدۇ، ئۇيغۇرلار توختىلىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇ ماقالىدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلەرنىڭ «ئىرقچىلىق» دەپ باھالىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى : «بۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، زىيارەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى تەدبىرلىرىنىڭ ئىرقچى ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۇنى يازغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇ تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئەمما خىتايلارنىڭ ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىغانلىقىدەك پاكىتلار بار. دېمەك بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئاتالمىش ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› سىياسىتىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان ئىرقچى سىياسەتلەر دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز».

ماقالىدە يەنە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «2010‏-يىلىدىكى ئىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار شىنجاڭ نوپۇسنىڭ 46 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، خىتايلار 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىراق ئۇلار بىر-بىرىدىن بۆلۈنگەن ھالدا ياشايدۇ ۋە بۇ يۇرتقا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا قارايدۇ. ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن ياشاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ دەيدۇ، بىراق خىتايلارمۇ بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ دەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ قۇملۇقلىرى ۋە تاغلىرىغا زامانىۋى ئىقتىساد بەرپا قىلدۇق، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەرلىكلەرگە ‹زامانىۋى مەدەنىيەت› ۋە ‹زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى› جۈملىدىن زامانىۋى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

ئاپتور شۇڭا رايوندىكى خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى بۇ ساقچى دۆلىتى سىستېمىىسىغىمۇ ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتا قارايدىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقى، بىر خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى. ئۇلار بۇنى بىلىدۇ ۋە سىياسەتنى قوللايدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. ماقالىدىن قارىغاندا، بەزى خىتايلار گەرچە بۇ ساقچى دۆلىتىدىن شىكايەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ شىكايىتىمۇ ئۇنىڭ تىجارىتىگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار سەۋەبىدىن بولغان. ئەمما ئاپتور ماقالىسى داۋامىدا بۇ ۋەزىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ قېيىنلىقى، چۈنكى ئوچۇق -ئاشكارا تەنقىد قىلىش ياكى چەتئەللىكلەرگە سۆز قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاماق جازاسى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى، باستۇرۇش قاتتىق بولغانلىقتى 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتى ياكى ھۇجۇملىرى يۈز بېرپ باقمىغانلىقى، قەشقەردە بىر ياشنىڭ «بىز قىلالايدىغان بىر ئىش قالمىدى» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىگە بىر خىتاي تىجارەتچىنىڭ سۆزى بىلەن مۇنداق داۋام قىلغان:
«ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىسىدا پات -پات بېرىپ -كېلىپ تىجارەت قىلىپ تۇرىدىغان بىرخىتاي تىجارەتچى بۇرۇن جەنۇب تەرەپلەرگە بارغاندا بەكرەك قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ‹ھازىر ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. ئۇلار قورقمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار نەپرەتكە تولدى. ئۇلار ماڭا خۇددى بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە نېمە قىلىۋاتقاندۇ، دېگەندەك قارايدۇ› دېدى. لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قانچە تۇتقۇننىڭ بىرى بولغان ئۆمۈربېك ئېلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە ‹دائىرىلەر رايوندا ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتىدۇ ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ھەر بىرىنى بىردىن دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پەقەت مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس، لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپى شۇنداق ئويلايدۇ، دېگەن ئىدى›».

ھېنرىي شاجېسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پەرقلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن بىر ئامىللىقىنى، بۇنىڭ رايوندىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭمۇ باش سەۋەبچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشقان : «خىتاينىڭ كوممۇنىست رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ بۇ ساقچى دۆلىتىنى بۆلگۈنچىلىكنى ۋە رايوندىكى زوراۋانلىقنى ئازايتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش، بىر تەرەپكە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرمەسكە سالماقتا. نەتىجە بولسا، ھەر ئىككى گۇرۇپپا زوراۋانلىققا سۆرەپ كېتىلمەكتە. ھەسەن يوقاپ كېتىشتىن ئاۋۋال شىنجاڭنىڭ قېيىن ئەھۋالىنى مۇنداق سۈرەتلىگەن ئىكەن. ئۇ ‏-‏--2015 يىلى ئۈندىدارغا يوللىغان ‹ئۇيغۇر بولماق تەس› ناملىق يازمىسىدا ‹مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن قارىلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، ئۇ جىنايەتنى بوينۇمغا ئېلىشىم كېرەك. چۈنكى باشقا تاللىشىم يوق. ئەركىنلىك بولمىغان يەردە، بېسىم بولىدۇ. بېسىم بولغان يەردە ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە ساقچى بولىدۇ. ساقچى بولغان ئىكەن، ئۇ يەردە ئەركىنلىك بولمايدۇ›».

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر سىياسەتلىرى يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىشقا ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك قانداقتۇر تېررورلۇق، رادىكاللىق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاپ بەردى»، دېدى. ھېنرىي شاجېسكىمۇ «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدەك نوپۇزلۇق بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق ماقالىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.