ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي تازىلاش» دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

جاش روگىننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى «ئىرقىي تازىلاش» دەپ ئاتالدى.

كوچىدا پوستا تۇرۇۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرى. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست، قەشقەر.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دۇنيا جامائىتىگە يات مەزمۇنلار بولمىسىمۇ، يېقىندىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا ۋە ھەر خىل ناملاردىكى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە بەند قىلىنغانلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ كونا تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى جاش روگىننىڭ 2-ئاۋغۇست كۈنى شۇ گېزىت سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ ھال «ئىرقىي تازىلاش» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنى ئاددىيغىنە تەكىتلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بەدەلگە ئاپىرىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جاش روگىننىڭ مەزكۇر ماقالىسى ئامېرىكىدىكى زور تەسىرگە ئېگە «جون باتچېلور سۆھبىتى» رادىيو پروگراممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر پروگراممىنىڭ ساھىبخانلىرىدىن جون باتچېلور بۇ مەسىلە ھەققىدە جاش روگىن ۋە سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا قەدىمكى «يىپەك يولى» نىڭ ئەمدىلىكتە يېڭىۋاشتىن سىياسىي تۈس ئالغان ھالدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىدىن گەپ باشلاندى. ئۇ شۇ قاتاردا بۇ قەدىمىي يولنىڭ ئۈستىدىكى قەدىمىي ماكانلارنىڭ بىرى بولغان، ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل يوسۇندا مەۋجۇت بولغان تۈركىي تىللىق ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى، شۇنداقلا ھازىرقى مەسىلىلەر بۇ رايون خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشكەندىن كېيىن ئەۋجىگە چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن سۆز تەبىئىي ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە غايىب بولۇشقا يۈزلىنىشى ھەققىدە بولدى. جاش روگىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ نۆۋەتتە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ توپ-توپ ھالدا غايىب بولۇۋاتقانلىقىنى، يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ ئاساسەن بوشاپ قالغانلىقىنى، بىلمىگەن كىشىلەرگە ئاھالە تولىمۇ شالاڭدەك كۆرۈنىدىغان بۇ جايلاردىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بۇنى ھەقىقەتەنمۇ زور ھەجىملىك بىر ھېكايە، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ھازىر ھېچكىممۇ بۇ ھېكايىنى سۆزلەشنى خالىمايۋاتىدۇ. گەپ ھازىر شۇ يەردە بولۇۋاتىدۇ: ئۆتكەن بىر يېرىم يىلدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتىن ‹قايتا تەربىيە ئېلىش مەركىزى› دەپ ئاتىۋالغان لاگېرلارغا قامالدى. ھالبۇكى گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بۇ جايلارنى ‹تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى› ياكى ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› دەپ ئاتاۋاتىدۇ. بۇ سىستېمىنى ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى پارتىيە سېكرېتارى خىتاينىڭ ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە زور كۆلەمدە ۋە سەۋىيەدە كېڭەيتىۋاتىدۇ. بېيجىڭدىكىلەر بولسا بۇ تەدبىرنى ‹رادىكاللىقنى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بىزگە مەلۇم بولغان بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ھازىر بۇ جايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئېنىقلا مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بارلىق ئېتىقادلىرىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي كومپارتىيەسى ‹خىتايچىلاشتۇرۇپ› بەرگەن دىنىي ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، كومپارتىيەنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.»
شۇنىڭدىن كېيىن جون بەتچېلور نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا تۈگىمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يەر شارى نۇقتىسىدىن ئالغاندا خەلقئارا تەرتىپكە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى سورىدى. جاش روگىن بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارانىڭ ئۇنچە زور دىققىتىنى قوزغاپ باقمىغان ئىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ ئىشلار مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كەلگەن. ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ باياتىن بىز تىلغا ئالغاندەك قاباھەتكە دۇچ كېلىشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ھالنىڭ مۇشۇنداق داۋام قىلىشى بىز ئۈچۈنمۇ خەتەردىن بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. نېمىشقا دېگەندە بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاش بىلەنلا توختاپ قالماستىن بۇ قىلمىشنى خەلقئاراغا، جۈملىدىن ئامېرىكىغىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاددىي مىسالى سۈپىتىدە ئامېرىكا پۇقراسى بولغان شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى گەپ قىلالماس بولۇپ قالغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كۇپايە. مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ بىزگىمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ تەبىرى بويىچە بېكىتىلگەن ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرىنى بۇرمىلاپ ئۇنى شەخسنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بولۇشتىن كۆرە بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»

رىياسەتچى جون بەتچېلور ئارقىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل «قىرغىنچىلىق» خەۋپىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىققا تىنىپ كەتكەن بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى خەۋپ، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشمىگەن» ھەمدە خىتايلار ئاتمىش يىلنىڭ ئالدىدا ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغان بۇ ئاھالىنى ھۆكۈمەت ئىشىنىدىغان خىتاي ئاھالىسى بىلەن يېڭىلاش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ رايوندىكى بايلىقنىڭ بۇ ھادىسىلەردىكى بىر سەۋەب ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ھازىرقى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«باياتىن سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ رايونى دەرۋەقە بايلىققا تىنىپ كەتكەن بىر ماكان. ئاندىن قالسا بۇ رايون ھازىر ‹يېڭى يىپەك يولى› شەكلىدە ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ‹بەلۋاغ› قىسمى دەل مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ رايوننى مۇتلەق كونترول قىلماي تۇرۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق تراگېدىيەگە ئۇچرىشىنى ھەقىقەتەنمۇ قاباھەتلىك بىر ھال دېيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ پۈتۈنلەي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت.»

سۆھبەت ساھىبخانى جون بەتچېلور بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئالنىڭ داۋامىنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلدىن سورىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ھەققىدە شۇ جايلاردىن ئۇچۇر ئېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«نۆۋەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكى بىلىش ياكى ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سوئال سوراشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا نە سوت نە ئادۋوكات نە ئەيىبنامە دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرسەتمەستىنلا ئۇلارنى ئۇيغۇر ھەمدە مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇ جايلارغا قامىۋالغان. يەنە كېلىپ خىتاي بۇ رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەر يۇقىرىدىن چۈشكەن كۆرسەتكۈچتىكى سان بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان. ئاددىيسى مەن بىلىدىغان كىشىلەردىن بۇ تۇتقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھېچقانداق كىشى يوق.»

جون بەتچېلور ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان بۇ جايلارنىڭ ئۆگىنىش مۇئەسسەسىگە ئەمەس، بەلكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تۈرمىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» ھەققىدىكى تەبىرلەرگە تولۇق ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەت شەكلىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى ئۆزىنىڭ بۇ قاراشلارغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق شەرھلەش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن قىسمەن مىساللارنى ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مونتانا شتاتىنىڭ نوپۇسى بىر مىليوندىن سەللا ئاشىدۇ. بۇ ھال پۈتكۈل بىر شتاتنىڭ ئاھالىسى ئاشۇنداق لاگېرلارغا قامىۋېتىلدى، دېگەنلىكتۇر. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قاباھەتلىك جىنايەتنى مۇنداق ئۈچ يول بويىچە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ: بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېلىپلا مۇشۇ جايدا قاماققا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ؛ ئىككىنچى، بۇ كىشىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەپ چىقىۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، كۈندىلىك سىياسىي تەربىيە بېرىش مەركەزلىرىدە كۈندىلىك تەربىيە بېرىش داۋام قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا بولسا مۇشۇ يوسۇندىكى ئۈچ خىل تەربىيەلەشنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاللىقاچان ئۈچ مىليون ئۈچ يۈز مىڭدىن ئاشقانلىقى تەكىتلەندى.»

رىياسەتچى جون بەتچېلور شۇ قاتاردا نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر «شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدا بارلىق دىنىي ئېتىقادلارغا قارشى چىقىش» مەۋقەسىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتىپ ئۇلارنى شۇ ماكاندىن غايىب قىلىۋېتىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرى ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا يۈز پىرسەنت قوشۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نورمال بولغان قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك مۇشۇ راديو سۆھبىتى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىرنەچچە سوئال قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن مەشغۇل بولغان ياكى خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەن بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتى نېمە؟ ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋېتەر؟»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يۈز مىڭلاپ قامىلىۋاتقان جايلارنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» شەكلىنى ئالغانلىقى ھەمدە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ «ئىرقىي تازىلاش» شەكلىنى ئېلىۋاتقانلىقى غەرب دۇنياسىدا بارغانسېرى كۆپ مۇھاكىمىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن.