نيۇيوركتا ئېچىلغان خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ئائىت يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە نۇقتىسى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.02
ilshat-hesen-demokratchi-xitay-teshkilatliri-yighin.jpg ئامېرىكىدىكى دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى 30-سېنتەبىر.
Social Media

30-سېنتەبىر شەنبە ۋە 1-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە «19-قۇرۇلتاي ۋە خىتاينىڭ كېلەچەك ۋەزىيىتى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى مۇھىم دېموكراتىك زاتلىرى قاتناشقان بۇ يىغىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىننى مەركىزى نيۇيوركتىكى «خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەمئىيەت باشلىقى لى جىڭجىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدا ياشايدىغان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرى ھەم شۇنداقلا خىتايدىن كەلگەن بىر قانچە نەپەر خىتاي زىيالىيلىرىمۇ قاتناشقان. يىغىن رىياسەتچىسى لى جىڭجىڭ ئەپەندى باشلىنىش سۆزى قىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ 5 يىل ئىلگىرى، يەنى 18-قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلغان يىغىندا پەرەز قىلىنغاننىڭ پۈتۈنلەي ئەكسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى يىغىنچاقلاپ ئۆتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندىكى ئەڭ دىققەت قوزغىغان ۋە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تېما بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بولغان بولۇپ، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مۇستەقىللىق يولىنى تاللاشتىن باشقا يولى يوقلۇقى ھەققىدە سۆزلىگەن دوكلاتى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىندىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن قانۇنشۇناس دوكتور يې نىڭ ئەپەندىگە سۆز نۆۋىتى كەلگەن. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، دىنىنى چەكلەشنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭ 1947-يىلى ب د ت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن خەلقئارالىق جىنايەتلەر قاتارىدا بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دوكتور يې نىڭنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى نەق مەيدان ۋىدېئو كۆرۈنۈشى «بوشۇن» قاتارلىق تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان. يې نىڭ سۆزىدە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن بۇنداق جىنايەتكە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم «مەن بۈگۈن بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىز خىتايلارنىڭ گۇناھى بار. كەچۈرۈڭلار» دەپ تازىم قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دوكتور يې نىڭدەك بىر خىتاي زىيالىيسىنىڭ بۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن داۋامىدا، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن خىتاي ۋەزىيىتىدە قانداق بىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان مۇنازىرىلەر بولۇپ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن. ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بولسا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ 19-قۇرۇلتايدا ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ قاتتىق قول سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە سىناق قىلغان بېسىم ۋە قامال سىياسىتىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇدىغانلىقىدا ئورتاقلاشقان. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە بىر ئىجابىي تەرەققىيات بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە 19-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئوخشاش داۋام قىلىدۇ. ھازىرچە ئىجابىي تەرەققىياتنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتنى ئاشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغان چېن چۈئەنگونى يۆتكەپ كېلىشىنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭنى ئىنتايىن يۇقىرى بېسىم بىلەن باشقۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چېن چۈئەنگونىڭ باشقۇرۇشىنى ياقتۇرمىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئىپادىمۇ يوق. ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇنداق قاتتىق قول سىياسىتى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن شىنجاڭدىكى بېسىم سىياسىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇكى، ئەمما يۇمشىمايدۇ، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، نيۇيوركتا ئېچىلغان يىغىندىكى دوكلاتلار ۋە مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشى كېرەكلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.