ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە 2019-يىلىغا ئائىت قىياسلار

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.27
bir-belwagh-bir-yol-xitay-teshwiqati.jpg «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ خىتايدىكى تەشۋىقاتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AP

2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى مىسلىسىز كۈچەيتكەن بىر يىل بولدى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن مۇھىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك پاكىتى ئاساسىدا بۇ يىل 8-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر ئاچقانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن تارىختا «كەلمەسكە كەتتى» ياكى ئامېرىكىدا «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن شوئار بىلەن تونۇلىدىغان ناتسىستلار دەۋرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى تۈزۈمىنىڭ خىتايدا قايتا تىرىلدۈرۈلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 2018-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر زۇلمەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىلىم ئىگىلىرى-مۇتەخەسسىسلەر تۈرلۈك ئۇسۇللاردا بۇ لاگېرلارنى پاش قىلدى ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى باشچىلىقىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى. 15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىش ھەققىدە خىتايغا تەلەپ قويدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ تەنقىدلىرىگە ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينى ھەقىقەتەن قىلمىشىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ؟ ئاۋسترالىيەدىكى «تاشقى سىياسەت كۆرسەتمىسى» ناملىق گېيو-سىياسى خەۋپ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جونىتىن فرانچىس مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان «2019-يىلىغا ئائىت ئالدىن مۆلچەر: خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە يېڭى بىر يىل ئىچىدە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن تور جاسۇسلۇقى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى، قەرزگە بوغۇش دىپلوماتىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك زىددىيەتلەر ۋە سودا ئۇرۇشى قاتارلىقلار مەسىلىلەر بويىچە ھەر تەرەپلىمە بېسىمىنىڭ ئارتىپ، ئوخشىمىغان سەپلەر بويىچە دىپلوماتىك بېسىمىنىڭ ئارتىشى مۇمكىنلىكىنى، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە خىتايغا بېسىم قىلىدىغان ئۈنۈملۈك پۇرسەت تۇغۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ يۇقىرىقى كۆز قاراشنى قوللاپ، ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنياغا بىر خەۋپلىكىنى تونۇپ يېتىشى شەرت، دەپ كۆرسەتتى.

تەتقىقاتچى جونىتىن فرانچىس ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا بارا-بارا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇنداق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى گەرچە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ رەسىمىنى سىزغاندا قوزغالغاندەك ئۇنداق كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا دىققەتكە سازاۋەر بولغۇدەك كۆلەمدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ئاپتور يۇقىرىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش پىلانى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە رىقابەتكە دۇچ كېلىشى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىگىمۇ رىقابەت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.