دەررېن بايلېر: «خەلق ئۇرۇشى قاينىمىدىكى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قايغۇسى» (1)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.29
tot-yashliq-qiz-turmidiki-dadisini-soyup-turghan.jpg تۆت ياشلىق بالىنىڭ 6 ئاي ئاۋۋال تۇتۇلۇپ كەتكەن دادىسىنىڭ رەسىمىنى سويۇپ تۇرغان سۈرىتى.
youthcirculations.com

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررېن بايلېر ئامېرىكىدىكى «ياش ئېقىم» تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىگە «خەلق ئۇرۇشى قاينىمىدىكى ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قايغۇسى» دەپ نام بەرگەن. بۇ ئۇنىڭ خەلق ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە يازغان ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى «خىتاينىڭ ‹خەلق ئۇرۇشى› قاينىمىدىكى ئۇيغۇر كۆچمە نوپۇسلىرىنىڭ شەھەر ھاياتى» ماۋزۇسىدا ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن «خەلق ئۇرۇشى» كۈلپىتى، «قايتا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكىدەك باشلىغان:
«2014-يىلى مايدا ئاتالمىش ‹تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى› باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ئۆي ئاختۇرۇش ۋە ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش دىنى رادىكاللىق گۇمانى بىلەن زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا نورمال يوسۇندا ئىشىنىدۇ. ئۇلار سۈنئىي مەزھىپىنىڭ خانەفىي گۇرۇپپىسىغا تەۋە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بىر تەھدىت، دەپ قاراپ، ئۇلاردىن پەقەت ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دىنغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلدى. مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە دىنى سىياسەت-تۈزۈملەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ئىشىنىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ.

ئاپتور دەررېن بايلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا بۇ خىل ئارزۇ بويىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنى بىر «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. شەھەرلەردىكى يېزىلىق ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يېزىلىرىغا قايتۇرۇلغان. پۈتۈن كوچىلار قىزىل بايراققا تولدۇرۇۋېتىلگەن. ھەر بىر ئۆي ۋە دۇكان ئىگىسىدىن بايراق ئېسىپ، بايراق چىقىرىپ دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى ئەكسىچە دىننىڭ «يامان» تەسىرلىرى ۋە سىياسىي ئىدىيەلەرگە قارشى بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنغان. ھەربىر يېزىنىڭ، ھەربىر بازارنىڭ، ھەربىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلغان. قولىدا قانۇنلۇق كىملىكى بولمىغانلارنىڭ بۇ پونكىتلىرىدىن يول قويۇلمىغان. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : «بۇ دېگەنلىك شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلار شەھەرنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ تۇغقىنىنى يوقلىيالمايدۇ، نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى بارالمايدۇ، دېگەنلىك. ئەمما خىتاي كۆچمەنلەر ۋە ساياھەتچىلەر بولسا بۇنداق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن توسالغۇسىز ئۆتەلەيدۇ.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە، فوتوگراف ئېلىنور موسمېن تەرىپىدىن بۇ يىل يازدا ئۇيغۇر ئېلىدە تارتىلغان سۈرەتلەرمۇ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇ خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا كۆرگەن ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن ۋەزىيەتنى بايان قىلىپ: «تۇرپان ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن دېھقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ياكى دادىلىرى خىتاينىڭ قاماقلىرىدا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنى قامدايدىغان ۋەزىپە ئاساسەن ئاياللارنىڭ ياكى تېخى دائىرىلەر تەرىپىدىن بايقالماي قەپ قالغان ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە چۈشۈپتۇ. تېخى دۆلەت تەرىپىدىن ئەپ كېتىلمىگەن ياشلار بولسا ئاللىقاچان ئەپ كېتىلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ ھازىسىنى تۇتىدىكەن. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ يېقىنلىرىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قايغۇرىدىكەن. ساقچى دۆلىتىنىڭ تەسىرلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئەڭ خۇسۇسىي قىسىملىرىغىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپتۇ» دېگەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، مۇشۇ سىياسەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسىدۇر. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قايغۇسى مۇشۇنداق شارائىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
«2014- ۋە 2017-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان بىۋاسىتە تەكشۈرۈشلىرىمىز جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىزگە ھازىر تاشلىنىپ قالغان ۋە پەرۋىشسىز چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىر ئائىلىدە ئاتا-ئانىنىڭ بىرى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنلا ئادەتتە دۆلەت خىزمەتچىلىرى كېلىپ بالىنى ئېلىپ كېتىدىكەن. ئۇلار بۇ ئائىلىدە ‹دىنى رادىكاللىق›› ئىدىيىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، بالىنى ئائىلىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇدىكەن ۋە ئۇنى دۆلەت ھىمايىسى ئاستىدا دەپ تۇرۇپ چوڭ قىلىدىكەن. يەنە بىر خىل ۋەقەدە بولسا، بىر ئۆيدە دادا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ بالىنى ‹دۆلەتتىن› قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دەرھال تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋېتىدىكەن. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نامراتلىق بۇ بالىلارنى كوچىلاردا ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەيدىغىنىنى ئۆزى تېپىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. دۆلەتنىڭ يېتىم بالىلارنى بېقىش مەركەزلىرى بولسا ئاتا-ئانىلىرى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بالىلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ھايۋانلاردەك بېقىلىدىغانلىقىنى دېيىشمەكتە. بىز سۆزلەشكەن ئەر-ئايال ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ قايغۇسى بالىلىرىنىڭ ئەپ كېتىلىشى ياكى يېتىم بولۇپ كوچىدا قېلىشى ئىكەن»

ئامېرىكىدىكى مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بىر بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىگە-چاقىسىز قېلىۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىلگىرى خوتەندىكى بىر قىسىم ناھىيەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار دەلىللەنگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا ئىگە-چاقىسىز قالغان بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ بەزىلىرى يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ، يەنە بەزىلىرى يەسلىلەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلغان بولسىمۇ، ياۋا يېزىسى ۋە جۈمە بازار كەنتىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن تەربىيىلەشكە ئەر-ئايال ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىككى تۇغقانلىرىغا بېقىشقا بېرىلگەنلىكىنى، پۈتۈنلەي ئىگە-چاقىسىز بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ تەرىپىدىن بېقىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. قوداي كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز كەنتىدىن 7 نەپەر ئىگە-چاقىسىز بالىنىڭ يەسلىدە بېقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېقىلىۋاتقان بالىلارنىڭ 2 ياشتىن 4 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ سېكرېتار، زىيارەت قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا، جۈملىدىن ئىككى ياشتىن كىچىك، يەنى قۇچاقتىكى بوۋاقلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى ۋە بالىلىرى ئۇچراۋاتقان يۇقىرىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنى «تارىختا كۆرۈلمىگەن ئېچىنىشلىق پاجىئە»، دېدى.

ماقالىدە بېرىلگەن رەسىملەردىن بىرىدە بىر كىچىك بالىنىڭ دادىسىنىڭ رەسىمىگە سۆيۈپ تۇرغان كۆرۈنۈش بار بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، رەسىمدىكى بۇ بالا دادىسىنى كۆرمىگىلى 6 ئايدىن ئاشقان. بۇ بالىنىڭ دادىسى مەسچىتتە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەتتا قويۇپ بېرىلىپ-بەرمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. دەررېن بايلىر مانا مۇشۇنداق چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوق شارائىتلاردا چوڭ بولماقتا. ئەگەر ئۇلار ئائىلىسىنىڭ يېنىدا بولسا ئۇ ھالدا ئۇلار تەلەيلىك ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق بالىلار ھازىر خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەرگە بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىرى داۋاملىق ھالدا بالىلاردىن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى قەدىرلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ بالىلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ قاتتىق كەچۈرمىشلەر ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. شۇڭا ئۇلارمۇ خۇددى ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاشلا ۋەھىمە ئىچىدە» دەپ يازغان.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار ھوقۇقى كېلىشىمىگە قول قويغان بىر دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىنى ب د ت غا كۆتۈرۈپ چىقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە قول قويغان بىر دۆلەت. شۇڭا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان يۇقىرىدىكى ھادىسىلەر بۇ كېلىشىمدىكى ماددىلارغا خىلاپ. مەنچە بۇنى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئەركىنلىك سارىيى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن باشقا بىۋاسىتە ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. پەقەت ئۇلا ئەمەس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى بالىلار فوندى جەمئىيىتى يەنى UNICEF كىمۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش كېرەك. بۇ تەشكىلاتلارمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردە بالىلار خىزمەتلىرى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار. مەنچە بۇ تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دەپ قارايمەن».

بىز كېيىنكى پروگراممىمىزدا دەررېن بايلېرنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.