مۇتەخەسسىسلەر: «چېن چۈەنگو مەۋجۇت بولغان يېپىق تەربىيە لاگېرى سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.05.16
chen-chuengo-chen-quanguo.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو(ئوتتۇرىدا) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا. 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AFP

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىتاي ئارخىپلىرى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا دۈشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى ئۈستىدە بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالە، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەر تەتقىقاتچىسى جېسسىكا بېتكى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوخشىمىغان يىللار ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلار ئىجرا قىلغان سىياسەتلەر سېلىشتۇرۇلغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئېچىلغان 19-قۇرۇلتايدا خىتايدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بەزى ئورگانلار ئۈستىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن دىنى ئىشلار كومىتېتى ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىسمەن ئۆزگىرىش پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەتنىڭ مەزمۇنى ۋە سالمىقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاي مەركىزى دىنى ئىشلار كومىتېتى بىلەن خىتاي مەركىزى مىللىي ئىشلار كومىتېتى ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كومپارتىيەنىڭ بىۋاسىتە ھالدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەتنى بىۋاستە خىتاي كومپارتىيىسى چۈشۈرىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

جېسسىكا بېتكى مۇلاھىزىسىدە ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بيۇكراتىك ئاپپاراتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسەتلەرگە ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى چوڭ تۈركۈم بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى «مەركىزى بىرلىكسەپ» كە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر، يەنە بىرى «سىياسىي قانۇن چەمبىرىكى» ئىچىدىكى كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ھەم پارتىيە ھەم ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپسىمۇ ئەمما ھازىر كومپارتىيە مەركىزى نۇقتىدا ئىكەن. يۇقىرىدىكى ئىككى ئورگاندىن سىرت يەنە، 2000-يىلى يەنە «مەركەز شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان. بۇ گۇررۇپپا ھەم ھۆكۈمەت ھەم پارتىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلار ۋە باشقىلارنى بىر ئارىغا ئەكېلىش ئارقىلىق شىنجاڭ سىياسىتىنى بەلگىلەشنى باشلىغان. جېسسىكا خانىم مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىدىكى بۇ گۇرۇپپىدا ئورۇن ئالغان كىشىلەرنىڭ كىملەردىن تەشكىللەنگەنلىكى ھەققىدە كومپارتىيە ئېلان قىلغان ئىنتايىن ئاز مەلۇماتتىن باشقا كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە سىياسەت كۆرسەتمىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، بىز يېڭى رەھبەرلەر ياكى قۇرۇلمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەڭشەشلەر شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە ئەمەلىي بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك».

مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى گو شېنكۈن مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە يۆتكەلگەن. ئۇ ھەم ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىرىنچى قول سىياسىي كومىسسارى ئىدى. يۇقىرىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق تۇتقۇن ۋە ۋەقەلەرنى باستۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق بولۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدا باشقا ئاپپاراتلارنىڭمۇ رولى بار ئىكەن.

جېسسىكا خانىم ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قايتا تەربىيە» مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا خىتاينىڭ سوت سىستېمىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەسسىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەت كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە ئالاھىدە قاتتىقلاشقان بولۇپ، بۇ بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنىشى ۋە شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىدە چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن ئىنتايىن روشەن كۈچىيىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 2010-2014- ۋە 2017-يىللىرىدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ئانالىز قىلغاندا ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاللىقاچان شەپىسى بېرىلىپ بولۇنغان ئىكەن. يەنى، 2010-يىلىدىكى يىغىندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى تۇرغۇزۇش تەكىتلەنگەن بولسا، 2014-يىلىدىكى يىغىندا «رادىكاللىقنى يوقىتىش» دېگەن سۆزلەر مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدىلا يولغا قويۇلۇپ، رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ھوقۇق قۇرۇلمىسى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىرى بويىچە شەكىللىنىپ بولغان.بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىككى يىل بۇرۇنلا باشلانغان. 2015-يىلى بەزى جايلاردا «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىش پىلانى» ناملىق لايىھە ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان. لوپنۇر ناھىيەسىدە 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا «رادىكاللىقنى تۈگىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» تەشكىللەنگەن.

جېسسىكا خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە بۇ دېگەنلىك چېن چۈەنگونىڭ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ كېڭىيىپ بېرىشىدا رولى يوق دېگەنلىك بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە دىققەت تارتىشتىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئادەملەر بىلەن تولۇپ- تېشىپ كەتكەنلىكىدۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ سىياسەت چېن چۈەنگودىن بۇرۇن مۆلچەرلەنگەن سىغىمچانلىقتىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ سىياسەتنىڭ قانچىلىكى چېن چۈەنگوغا ئائىت، قانچىلىكى 2014- يىلىدا ئېلان قىلىنغان كۆرسەتمىگە ئائىت، قانچىلىكى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئائىت؟ بۇلارنى بىلىش قېيىن. . . . . چېن چۈەنگونىڭ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىنىڭ ئۆزگىرىشىدە بەلگىلىك تەسىرى بار. مەسىلەن، قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنىشىدا ئېنىق ئۇنىڭ قولى بار. ۋاقىتنىڭ توغرا كېلىشىگە قارىغاندا، چېن چۈەنگو يەنە بەلكىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى قويغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە مەركەزلىرىنى ئىشقا سېلىشتا ئۇ پەقەت سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچى خالاس. چېن چۈەنگونىڭ شىنجاڭدا قىلغىنى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان قۇرۇلمىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن».

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۈگۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىدى ۋە چېن چۈەنگونى يۆتكەپ ئەكەلدى؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ  ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ بۇنىڭدىكى ئىككى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، جېسسىكا خانىممۇ ئۆز ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، «مەيلى شىنجاڭدا ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتنىڭ پىشىۋاسى چېن چۈئەنگو بولسۇن ياكى ئۇ بەلگىلەنگەن سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا سېلىنىۋاتقان رەھىمسىز بىر قولچاماق بولسۇن، بەرىبىر كومپارتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك سىياسەت يۆنىلىشىگە مۇۋاپىق كۆرۈلگەن بىر ئاخىرقى نوقتىدۇر» دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.