ئاتا-ئانىسى سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ قىشنى توڭلاپ ئۆتكۈزەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.11.09
qaranchuqsiz-balilar-yetim-balilar-facebook.jpg ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدىكى سولغۇن بالىلار.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىۋېلىشى بىر يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە ۋە ئائىلىلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتقان يامان تەسىرلىرى ھەم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى ئاتا-ئانىسى تەڭ تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن زور ساندىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تىرىك تۇرۇپمۇ «يېتىملەر» گە ئايلىنىۋاتقانلىقىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ھەر تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىلىدىغان ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغاندىن سىرت لاگېرلارنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى دۇنياغا ئاشكارا بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان فاشىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ 21-ئەسىردە قايتىلىنىشى دەپ كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۆزىنىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىنى ئىختىيارى ۋە ھەقسىز ھالدا دۆلەت تىلى ۋە ھەر تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئۆگىتىدىغان تەربىيىلەش مەركەزلىرى قىلىپ پەردازلاپ كۆرسەتمەكتە. 

ھەتتا «خەلق گېزىتى»، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ شۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، ئاتا-ئانىلىرى تەربىيەلەشكە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ شارائىتلىرى ئىنتايىن ياخشى بولغان ھەقسىز مەكتەپ ۋە باغچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىسىمۇ بەختلىك، خۇشال ۋە ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ھالبۇكى رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشى ئارقىلىق دەلىللەنگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىغا ئاتا-ئانىلىرى تەڭلا ئېلىپ كېتىلىپ قارانچۇقسىز قالغان بالىلار، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغىمۇ كېپىللىككە بېرىلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشىغا توشمىغان بوۋاقتىن مەكتەپ يېشىغىچە بولغانلىرى ھەر قايسى مەھەللە كومىتېت ۋە ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ھەر قايسى جايلاردا لاگېرلار بىلەن بىر مەزگىلدە قۇرۇلغان «پەرىشتىلەر باغچىسى» ياكى «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك گۈزەل ناملار بېرىلگەن پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بېرىلىدىكەن. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بولسا ئاساسەن ھەر قايسى جايلاردىكى ياتاقلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر ئېگىز تاملار ئىچىگە جايلاشتۇرۇلۇپ، تۈرمىگە ئوخشاش باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر بالىلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بۇ بالىلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمۇ نامەلۇم، بۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. 

بۇ ھەقتە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ، يېتىمغا ئايلانغان بالىلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىپ، پۈتۈنلەي خىتايچە ئۇسلۇبتا كىيىندۈرۈلۈپ، خىتايچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى، ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنى مەدھىيىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇلۇۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن نۇرغۇن سىن كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپ، كۆزەتكۈچىلەردە كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا. ھەتتا بەزى كۆرۈنۈشلەردە بالىلارنىڭ روھى ھالىتىدە بىنورماللىقلار ئىپادىلىنىپلا قالماي ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ يالاڭ ھەم كونا ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

يېقىندا رادىيومىزغا ئاڭلىغۇچىلىرىمىز خىتايدىكى بىر قانچە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا جىددىي قىشلىق كىيىم-كېچەك ئىئانە قىلىش توغرۇلۇق تارقىتىلغان مۇراجىئەتنامىلىرى يەتكۈزدى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە قوش تىل مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ليۇ چاڭخەي، جاۋ جىڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي ئوقۇتقۇچى نامىدا يېقىندا «جۇڭگو سودا-شىنجاڭ ئۈندىدار توپ» دا بىر مۇراجىئەتنامە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا «بىزنىڭ بۇ يەر بەك نامرات، مەكتەپتىكى بالىلار كىيىم-كېچەككە بەك ئېھتىياجلىق، چۈنكى ئۇلار بەك نامرات بولغاچقا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ سېتىۋالالمايدىكەن. بولۇپمۇ قىشتا بۇ يەر نۆلدىن تۆۋەن 7 گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن 15-16 گرادۇسقا چۈشىدۇ. بالىلارنىڭ كىيىدىغىنى يەنىلا شۇنداق نېپىز كىيىم-كېچەك، ئاياغلىرىنىڭ ھەممىسى يىرتىق، تۆشۈك، بىز مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىمىز بەك ئازابلاندۇق. مەن پەقەت ئازغىنە كۈچ بىلەن بۇ تېمىنى تارقاتتىم، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. . .» دەپ يازغان.

ئىككى بەت قىلىپ يېزىلغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە، ئىئانە قىلغۇچىلار ئۈچۈن خوتەن كېرىيە ناھىيىلىك لەڭگەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئادرېسى بېرىلگەندىن باشقا يەنە ئىككى ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ قالدۇرۇلغان.

بۇ تېلېفوننىڭ بىرى ئۇلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي ئەر، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېيتمىدى ۋە «مەن ھازىر شىنجاڭدا، شۇڭا سۆزلەشمىگىنىمىز ياخشى» دەپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

يۇقىرىقى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە قىشلىق كىيىم-كېچەككە ئېھتىياجلىق بالىلارغا خەيرخاھلىق قىلغان خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ليۇ فامىلىلىك كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ساخاۋەت گۇرۇپپىلىرىدا خالىس خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قايتا تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىك سەۋەبلىك مەكتەپلەردە يېتىپ ئوقۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق كىيىملىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىغىلغان پاراۋانلىق ئىئانىسىگە كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇر رايونىغا پوچتا ئارقىلىق يوللىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز يوللىغان كىيىم ۋە ئاياغلار ھەممىسى يېڭى ئەمەس، ئاساسەن كىيىلگەن» دەيدۇ. 

بۇ نارەسىدىلەرنىڭ بۇ خىل سىستېما ۋە شارائىتتا زېھنى ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتىن زور زەربىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى سۆز تېمىسى بولۇپلا قالماي ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى يېڭىدىن يەنە بىر مۇنازىرە نۇقتىسى بولماقتا ئىدى. چۈنكى، قىش پەسلى يېقىنلاۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردە فەيسبوك قاتارلىق چەتئەل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ھالىتى سىنغا ئېلىنغان قىسقا ھۆججەتلىك ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە 6-7 ياشلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىنتايىن قورقۇمسىراپ تۇرغان بىچارە قىياپىتى، ئۇلارنىڭ يۆتىلىۋاتقان، نېپىز كىيىنگەن كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تارقالدى.

تۈركىيەدىن رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇر ياش جەسۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتى-يەكەننىڭ كاچۇڭ يېزىسىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆيدە ئىگە-چاقىسىز قالغان ئىككى ئىنىسى كاچۇڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە يىغىۋېلىنغان. جەسۇرمۇ ئۆز ئۇكىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز، مېھرى-مۇھەببەتسىز قالغاندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ قېلىن كىيىمىنىڭمۇ يوقلۇقىدىن ئەنسىرەپ: «بىچارە ئۇكىلىرىم نېپىز كىيىملىرى بىلەن بۇ قىشنى قانداقمۇ چىقىرار؟» دەپ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئېغىر ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن.

جەسۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە چەتئەلدىن پۇل ۋە خالتا ئەۋەتىشكە قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىلىرىغا پۇل ياكى كىيىم-كېچەك ئەۋەتىش تۇرماق، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ھالدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.