مايكېل كلارك: «بېيجىڭ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن دەۋرىدە 30 يىل ئەتراپىدا يولغا قويۇلغان دەھشەتلىك جازالاش لاگېرلىرى بولغان «گۇلاگ». 2015-يىلى 3-ئۆكتەبىر. 2012-يىلى 2-نويابىر.
سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن دەۋرىدە 30 يىل ئەتراپىدا يولغا قويۇلغان دەھشەتلىك جازالاش لاگېرلىرى بولغان «گۇلاگ». 2015-يىلى 3-ئۆكتەبىر. 2012-يىلى 2-نويابىر.
AP

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلارغا قامىشى، ئۇنىڭ بۇ لاگېرلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئورنىتىپ، تۇتقۇنلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ مەقسىتىگە سوئال قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ ئېلان قىلغان ھەققىدىكى دوكلاتى خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىگە قارىتا تېخىمۇ جىددىي سوئاللارنىڭ قويۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. يېقىندا ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچى مايكېل كلارك لاگېرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشتىكى مەقسىتىنى ئانالىز قىلغان.

مايكېل كلارىك 26‏-ماي كۈنى ئاۋسترالىيە لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇشتتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى پەرقى ۋە خاسلىقىنى يوقىتىش، مەزكۇر رايوننىڭ خىتاي بىلەن بىرپۈتۈنلىشىشىگە توسالغۇ، دەپ قارالغان ئامىللارنى ئېلىپ تاشلاشئىكەن. ئۇ، «شىنجاڭنىڭ تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە بېيجىڭنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭدىكى زامانىۋى لاگېرلار بېيجىڭنىڭ مەقسىتىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت دېگەندەك جەھەتلەردىكى، مۇسۇلمان تۈركىي خەلق-ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئاتالمىش نورمال ھاياتقا قايتۇرۇپ كېلىش، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر رايوننىڭ پۈتۈنلىشىشىگە توسالغۇ، دەپ قارالغان ئامىللارنى ئېلىپ تاشلاشتەك قىلىدۇ» دېيىلگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى شى جىنپىڭنىڭ 2014‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا دېگەن سۆزى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن. مايكېل كلارك، شى جىنپىڭ 2014‏-يىلى ئاپرېل ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر رايونىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى «جۇڭگولۇق»، «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ تونۇشى ۋە ئۆزىنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» بىلەن ئىپادىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى يۇقىرىقىدەك مەقسەت بىلەن قۇرغانلىقىدا مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىر ئىختىلاپى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ لاگېرلارنى قانداق ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەش مەسىلىسىدە بەزى پەرقلەر مەۋجۇت.
گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇ لاگېرلارنى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراشقا قوشۇلمىسىمۇ، ئەمما بۇ لاگېرلارنى ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئېتنىك ئىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ھەققىدە توختالغاندا بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىش دائىم مۈشكۈل بولىدۇ. لېكىن، مەن بۇ ھادىسىنى ھېچ بولمىغاندا ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى، دەپ ھېسابلايمەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن زور ھەمكارلىق ئۇيۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازالىنىۋاتقان بۇ خەلقلەرنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما بىز چوقۇم ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش رېئاللىقتەك كۆرۈنمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلاپ قويۇشىمزى كېرەك. بۇ ھېچ بولمىغاندا بۇ مەسىلىگە قارىتا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ».

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەقسىتى مەسىلىسىدە مايكېل كلارك بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پېڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقچى. شۇڭا، ئۇ مەقسەتلىك ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت بايراملىرىدا ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى قەستەن بۇرمىلاۋاتىدۇ. ئۇلار يېمەيدىغان تاماقلارنى يېيىشكە، ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولمىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك پائالىيەتلەرنى چەكلەۋاتىدۇ. دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ -ئادەتلىرىنى قەستەن توسۇپ، ئۇلارنى خىتايلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى».

مايكېل كلارك ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ستالىننىڭ تېررورلۇق دەۋرىدىكى سوۋېت گۇلاگلىرىنى ۋە ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوۋېت گۇلاگلىرىغا سان چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغانلىقى، ناتسىست لاگېرلىرىنىڭ ئىرقنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇ يەنە بۇ خىل تارىخىي سېلىشتۇرمىلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ۋە قانداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ تارىخىغا قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە ئىرقىي جەھەتلەردىكى پەرقىنى تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇلارغا قارشى يۇقىرىقىدەك باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ خىتاينىڭ ھازىرقى چېگراسى ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىلى بار ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆرپ ئادىتى، ئەنئەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا خەتەرلىك، بۆلگۈنچى كۈچ، دەپ قارىماقتا. شۇڭا، ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلا رمۇشۇ نۇقتىدىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشقماقتا».

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ئۇلرىخ دېلئىئۇس، لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە ئىكەنلىكىنى، يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دېلىئۇس: «ھەر قېتىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرقانداق مۇزاكىرىدە بولۇشنى رەت قىلىپ كەلدى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئەھۋال. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلا رمىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدۇق. بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ، بۇ لاگېرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە قانچىلىك كىشىنىڭ قەيەرگە سولانغانلىقى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

مايكېل كلارك «شىنجاڭنىڭ تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار بەلكى 20‏-ئەسىردىكى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن تارىخشۇناس رىچارد پايپېسنىڭ «يامان ئىدىيەلەر يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مايكېل كلارك ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي لاھىيەلەش ھەرىكىتى ھەر جەھەتتىن ئالغاندا ھەقىقەتەن بىر قەبىھلىك. لېكىن ئۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت