خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.07.13
tebii-bayliq-nefit-gaz.jpg «غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
maginechina

«ياردەم» نامىدا يەرلەشكەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە «مۇقىملىق خىزمىتى» ھەققىدە ئانالىزلار

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» تېمىسى ئاستىدىكى خەۋەرلەردە، ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر تېما، 20 يىلدىن بۇيان «ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى. «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى» ۋە رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇقىملىق سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشېڭنىڭ 9-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە قەشقەردە ئېچىلغان «6-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا، «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، شى جىڭپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم -تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى تەكىتلىگەنلىكى ۋە 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا «ياردەم» نامىدا ئەۋەتىلگەن 20 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى» گە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورىدا 13-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، 1997-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 9 تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن 19 مىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلىشىدىكى مەقسىتى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بېرىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولۇپ ئىشلەشكە كەلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنى ئازايتىش، رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيىلىرىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايوندا مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقى مەدھىيەلەندى.

بۇ تۈردىكى خەۋەرلەردىن 13-ئىيۇل «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يۈ جىڭشېڭ ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى› دا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى-شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەردە، قەشقەردە 9-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە زىيارەتتە بولۇۋاتقان سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشېڭنىڭ«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن 20 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئىختىساس خادىملىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىندى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە «نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئارا ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنى ئازايتىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا چېتىلىدىغان نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن بايانلارمۇ بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ياردەم» نامىدا ئەۋەتىلگەن ئاتالمىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يەنە بىر نامى «مۇقىملىق كادىرلىرى»، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلام» كادىرلىرىنىڭ، يىللاردىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەدھىيىلەۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەدھىيەلىگىنىدەك «ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىم-ئەمىن ۋەزىيەت يارىتىشقا تۆھپە قوشۇش» ئەمەس، بەلكى رايوندا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقى سەۋەبىدىن بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان باش جىنايەتچىلەر ۋە ئاساسىي جاۋابكارلىرى دېيىشكە بولىدۇ.

شا مىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغان سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو تىبەتتە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ سىناق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلگەن، ۋاڭ جىن، ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسۇن ياكى ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقان خىتاي كادىرلىرى بولسۇن، بۇ بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى باستۇرۇشنى نىشان ۋە مەقسەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ بايلىق توپلاش، پارىخورلۇق قىلىش، يەرلىك خەلقنى باستۇرۇش بولغىنى ئۈچۈن، بۇ يىللاردا رايوندىكى نارازىلىق كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ تۈگىمەي كەلدى. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان مۇقىم-ئەمىن ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.