خىتاينىڭ ھەربىي ۋەكىللىرى مەركىزىي ئاسىيانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نېمىنى كۆزلەيدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.09.14
shi-jinping-qirghizistan-shangxey-hemkarliq.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى بىلەن. 2013-يىلى 13-سېنتەبىر، قىرغىزىستان.
AFP

مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن ئىدى. 2001-يىلى خىتاينىڭ تەشەببۇسى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ جەلپ قىلىنىشى، شۇنداقلا خىتاي ئېلان قىلغان «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى خىتايغا بۇ رايوندىكى ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كەڭ يول ئاچتى. خىتاي بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇ مەملىكەتلەرگە مەبلەغ سېلىش، قەرز بېرىش، ھەر خىل ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز تەسىرىنى تىكلەش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يېقىندا خىتاي مەركىزىي ھەربىي كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى قازاقىستاندا، ئاندىن قىرغىزىستاندا بولۇپ قايتقان ئىدى. خىتاي ھەربىيلىرىنىڭ بۇ سەپىرى نېمىنى كۆزلەيدۇ؟

قازاقىستاننىڭ «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى 4-سېنتەبىردە ئېلان قىلغان «قازاقىستانغا خىتاينىڭ مەركىزىي ھەربىي كېڭەش ۋەكىللىرى كەلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي ھەربىي كېڭەش رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى شۈي چىلياڭ قازاقىستان مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرلان يېرمېكبايېف بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار ئۆز ئارا ھەربىي ۋە ھەربىي-تېخنىكىلىق ھەمكارلىق، شۇنداقلا رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە يۈرگۈزگەن. 

ئەمدى «قىرغىزىستان قىرتاگ» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قىرغىزىستان ۋە خىتاي ھەربىي ھەمكارلىق توغرىلىق ھۆججەتنى ئىمزالىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق دائىم يۇقىرى دەرىجىدە بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى مەملىكەت مەنپەئەتلىرىگە جاۋاب بېرىپ كەلگەن ئىكەن. قىرغىزىستان ھەربىي مەمۇرىيىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، قىرغىز-خىتاي ھەمكارلىقى ھەم ئىككى تەرەپلىمىلىك ئاساستا، ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساسىدا ئاكتىپ تەرەققىي ئېتىۋاتقان ئىكەن. بۇ ھەمكارلىق مابەينىدە خىتاي تەرىپىدىن قىرغىزىستانغا قورال-ياراق، ھەربىي ۋە مەخسۇس تېخنىكا، ماددىي ۋە تېخنىكىلىق زاتلار، ئالاقە ۋە ھاۋا كۈچلىرىگە قارشى ۋاسىتىلەر، تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنى سېلىش ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە كۆپلىگەن ياردەملەر كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بارلىقى خىتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن قەرز ھېسابىغا ئەمەلگە ئاشقان. ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا يەنە ھەربىي كادىرلارنى تەييارلاش ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش بويىچىمۇ كېلىشىم ئىمزالانغان. 

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھاپىزوف خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاي مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا قارشى كۈچلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بەزى مەتبۇئاتلاردا مۇنداق دەيدۇ: بۇ خەۋپلىك ئىش. بىز خىتاي بىلەن يېقىن بولۇپ كەتسەك، قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكىگە خەۋپ تۇغدۇرىدۇ. خىتاي چەت مەملىكەتلەرگە 4 مىليارد 200 مىليون دوللار قەرز ئىكەن. شۇنىڭ 45 پىرسەنتى خىتايغا قەرز ئىكەن. خىتاي ئۇنى بېرەلمەيدىغىنىنى بىلسىمۇ، يوشۇرىدۇ. ئەگەر قىرغىزىستان ئۇنى تۆلىيەلمىسە، خىتاي ئۆز شەرتىنى قويىدۇ. مېنىڭچە، قىرغىزىستان رەھبەرلىرى بۇنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك». 

ئابدۇرەھىم ھاپىزوفنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر سەپىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشمەكچىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش سىياسىتىگە ئەگىشىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئىكەن. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ جامائەتچىلىكى، ئايرىم سىياسىي كۈچلەر، ئىناۋەتلىك شەخسلەر خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئەمدى چۈشىنىپ، ئويغانماقتىكەن. 

قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ئاممىۋى رەۋىشتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا تاشلىنىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارنى دائىم بىئارام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. خىتاي ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىش مەقسىتى، بىرىنچىدىن، بۇ يەردىكى ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي سەۋىيىسىنى ئۆگىنىشتىن، ئۇلارنى ھەر خىل سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشتىن، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ھەربىي قورالنى ئالماشتۇرۇش كېرەك بولدى. رۇسىيە بولسا كېيىنكى ۋاقىتتا بۇ قورالنى خەلق ئارا بازار دائىرىسىدە ساتىدىغان بولدى. خىتاي بولسا ھەممىسىدىن ئەرزان ساتىدۇ. خىتاي ئەمدى ھەربىي تەرەپتىن سىڭىپ كىرىشكە تىرىشماقتا. خىتاي ئاتالمىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئۈچ خىل كۈچكە قارشى كۈرەشكە بۇلارنى جەلپ قىلغان. خىتاي بۇنىڭ ئاستىدا تامامەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزدە تۇتىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئاراغا چىقىشى خىتاينى بىئارام قىلماقتىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە قاتتىق كىرىشمەكتە. 

قەھرىمان غوجامبەردى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭمۇ خىتاينى تەشۋىشكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس جاسارال قۇانىشالىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە، باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىدە ھەر قاچان پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاپ كەلگەن ھەم ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاتتىق تىرىشىپ كەلگەن مەملىكەت ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتىدىمۇ شۇنداق غەرەزنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقىنى بىكار ئەمەس. بۇ خىتاينىڭ قىرغىزىستاننى ئىقتىسادىي، ھەربىي، سىياسىي جەھەتتىن بېقىندۇرۇشنىڭ بىر ئامالىدۇر. بۇ ئارقىلىق خىتاي قىرغىزىستاننى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشنىڭ مەيدانى سۈپىتىدە پايدىلانماقچى. شۇ مەيدان ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر قىلىش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.»

جاسارال قۇانىشالىن خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى سىياسىتىنىڭ باشقىمۇ قوشنا مەملىكەتلەردە داۋام قىلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېۇوف بولسا، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئوخشاش مەملىكەتلەرنىڭ خىتاي قەرزلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز يەرلىرىنى بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇنداق خەۋپنىڭ باشقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بىز ھەممىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى. ئىككىنچىدىن، خىتاي مەركىزىي ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بىر سەپتە قىرغىزىستانمۇ، مەسىلەن، «غەربىي ياۋروپا-غەربىي خىتاي» گاز تۇرۇبىسى لايىھىسىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى لازىم. بىزنىڭ مەملىكەتلىرىمىز بۇ لايىھىگە ئۆز پۇقرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. خىتاي مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە پەقەت مەبلەغ ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىي ۋە باشقىمۇ يوللار ئارقىلىقمۇ تەسىر قىلىشقا تىرىشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەپسۇسكى، خىتاي ئىنسان ھەقلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. خىتاي تېررورچىلىقنى، دىنىي ئەسەبىيلىكنى پەرق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىي خەلقلەر چوڭ بىر خەۋپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

غالىم ئاگېلېۇوفنىڭ پىكرىچە، مۇبادا خىتاي مەركىزىي ئاسىيا پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئويلىمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا توسقۇنلۇقلار پەيدا بولۇشى، خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭمۇ ئۆز ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.