«خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» مۇھاكىمە يىغىنىدىكى پىكىرلەر (2)

لۇيىزا گرېۋ ۋە روشەن ئابباس: «ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچتا!»

خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەردىن لۇيىزا گرېرۋ ۋە روشەن ئابباس سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 5-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون شەھرى

لۇيىزا گرېۋ ۋە روشەن ئابباس: «ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچتا!»

5-سېنتەبىر كۈنى خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا پروفېسسور مايكىل كلارك ۋە شان روبېرتس ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا ۋە خىتاي خەلقىگە «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاشتەك «ئۇستاتلىقى» ھەققىدە توختالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇيىزا گرېۋ سۆز ئالدى.

ئۇ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى بىر سەلبىي ئوبراز سۈپتىدە «سازايى قىلىش» جەريانىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قاتتىق زەربەر بېرىش» دېگەندەك ناملاردىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى قوزغاپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخىرى بېرىپ ھازىرقى ۋاقىتتا مىليونلاپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا تەرەققى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل زور كۆلەملىك قاماقنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىنى غايەت زور كىرىزىسكە مۇپتىلا قىلىشى ھەمدە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

«بىز ئەمدى بۇ ئىشلاردىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا نەزەر سېلىپ، 2017-يىلى ئاپرېلدىن ياكى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ باقايلى. بىز ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىۋېتىدىغان بۇ سىياسەتلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى ياكى تېررورلۇق تەھدىتى يوق ئەھۋالدا ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. يەنە كېلىپ بۇ <تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش>تا مىليونلىغان ئادەم تۇتۇپ كېلىپ لاگېرلارغا سولاندى، يەنە ئىككى مىليون ئادەم  كۈندۈزلۈك سىياسىي تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۇخلاش ئۈچۈنلا ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى <تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش>نىڭ ھازىر ئاللىقاچان <بىخەتەرلىك> دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك <تېررورلۇق>نى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس. بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى مەنئى قىلىشتا ئىپادىلەندى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىي ئورنى بىكار قىلىنىپ، مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر بالىلار بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئۆز تىلىدا سۆزلەشتىن مەجبۇرىي مەھرۇم قالدۇرۇلدى. گەرچە بۇ ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان <ئاپتونومىيە قانۇنى>غا خىلاپ بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى دەسلەپ ئالىي مەكتەپلەردە، كېيىنچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، بېرىپ-بېرىپ ھازىر يەسلىلەردە مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەسلىلەرگە بارىدىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرى ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلىيالمايدىغان ۋە ئاڭلىمايدىغان ھالغا كەلدى.»

لۇيىزا خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەندە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

«ھازىر دىققەت قوزغاشقا باشلىغان ئۆزئارا تويلىشىشنىڭ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشمۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار خىتايلار بىلەن تويلاشقانلارغا يىلىغا ئون مىڭ يۈەن دېگەندەك مىقداردا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشتىكى يەنە بىر ھادىسە  ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ خوتەندىكى بىر قىسىم جايلاردا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ دىننى زامانىۋىلاشتۇرۇش ياكى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئىپادىسى شەكلىدە پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بىر مۇخبىرى بۇ ئىش توغرىلىق يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشقاندا ئۇلار بۇنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن تۆت بۇيرۇقنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خىلدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەر تېجەش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەتلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا مۇشۇ رايوندىكى مەدەنىيەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنى مېيىتنى يەرگە دەپنە قىلىشنىڭ ئورنىغا كۆيدۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشقا مەجبۇرلاش ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بەرگۈچى بىر ھادىسىدۇر. »

لۇيىزا گرېۋ خانىم يەنە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇش»نىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋايىم يەۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەندىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى لاگېرلارغا مەھكۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىكى «ھەممىلا ئائىلىدە خىتاي دۆلىتىدىن نەپرەتلىنىش ۋە خىتاي دۆلىتىگە قارشى تۇرۇشقا يېتىپ ئاشقۇدەك سەۋەب جۇغلىنىپ بولغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

«خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا مەھكۇم قىلىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ تاشلانماقتا. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل بىر ئەۋلادنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكى ئوغرىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار ئورنىنىڭ نەدىلىكىمۇ ئېنىق بولمايۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغاندىن كېيىن، بالىلار ھەرقايسى جايلاردىكى دارىلئېتاملارغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا بوۋا-مومىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ ئۇلارغا بېرىلمەستىن ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندىمۇ بۇنىڭدا قانداقتۇر ئۇيغۇر قوراللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى مۇھىم نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. شۇڭا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى نەگە بارىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال قويۇشقا يېتەرلىك ئاساسىمىز بار. ھازىر لاگېرغا سولانغانلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشىدىكى ئاخىرقى مۇددىئا ھەققىدە قولىمىزدا يېتەرلىك ئىسپات ياكى ھۆججەت يوق. ئەمما يەرلىك ۋە دۆلەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئىجرا قىلىۋاتقان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ھازىر كىشىلەر لاگېرلارغا سولانماقتا، ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇپ توزۇپ كەتمەكتە، مىڭلىغان يۈز مىڭلىغان ساندىكى زىيالىلار، سودىگەرلەر، سەنئەتكارلار، تەنتەربىيە چولپانلىرى قولغا ئېلىنماقتا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تاشلانماقتا، يۈز مىڭلىغان ياش يىگىتلەر لاگېرلارغا سولىنىپ ۋەھشىيانە يوسۇندا خارلانماقتا، لاگېرلاردا كۆپلىگەن ياش ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر مەلۇم بولماقتا، بىزنىڭ دوستلىرىمىزدىنمۇ بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاشۇنداق لاگېرلاردا جان ئۈزگەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بار. ئىشلار مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ ئاخىرى قەيەرگە بېرىشى مۈمكىن؟»

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس سۆز ئېلىپ، ھازىر سانى ئۇنچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىنلا بىر مىليون كىشىنى قاماققا ئېلىشنىڭ دۇنيادىكى زور ۋەقەلەردىن بولۇشىغا قارىماي، ئانچە زور دىققەت قوزغاپ كەتمىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنىشتىن سىرت ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«مەن روشەن ئابباس گەرچە ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن بولمىساممۇ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن باياتىنقىلار ھازىر مۇھاكىمە قىلىپ چىققان تېمىلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجى ھەققىدىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بىر مىليون دېگەن بۇ ساننى ئانچە كۆپ ئاڭلىمىدۇق. بىر مىليون دېگەن گەپ پۈتكۈل ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ كۆپ بولغان بىر سان، شۇنداقلا ھازىر خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋېتىلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى. خۇددى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغاندەك بۇ ھال زامانىمىزدىكى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ زور ساندا قاماققا ئېلىنىشىنىڭ تىمسالىدۇر. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى <تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى> دەپ ئاتىماقتا. ئەمما شاھىدلار ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپلەر قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر، تىكەنلىك سىم توساقلار، قىستاڭ كامېرلار، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،  تازىلىق دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسلىق، ئۆيدىن جۇدا بولۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىرگەۋدىلەشكەن ماكان بولماقتا. بۇ يەردە بۇ كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى يوقىتىلماقتا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مەۋقەسى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلمەكتە، ئۇلار روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە خورلانماقتا. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار كىشىگە ئۆز زامانىسىدىكى <يىغىۋېلىش لاگېرلىرى>نى ئەسلىتىدۇ.»

روشەن ئابباس مۇھاجىرەتتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ھازىر مۇشۇ خىلدىكى پاجىئەلەرگە شاھىد بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھەر بىر ئۆيدىن ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچىدىن كىشىنىڭ غايىپ بولۇۋاتقانلىقى ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەددى-جەمەتى بويىچە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئەمىلىي مىسال قىلىپ سۆزلىگەندە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قاپلىغان مىللىي كىرىزىسنىڭ جانلىق مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.

«ھالبۇكى ھازىرقى زور كۆلەملىك تۇتقۇن يالغۇز داڭدار شەخسلەر ياكى باشقا زاتلار بىلەن چەكلىنىپ قالغىنى يوق. بۇخىل تۇتقۇن قىلىشلار ھازىر مېنىڭ تۇغقانلىرىمنىڭ بېشىغىمۇ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھازىر خوتەندە دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان 69 ياش ۋە 71 ياشتىكى قېيناتام ۋە  قېينئانام، ئۇلارنىڭ ئۈچ قىزى ۋە بالا بېقىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان كېلىنلىرى، ئۇلارنىڭ دېھقان ئەرلىرى ھەممىسىلا 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ غايىپ بولدى. يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز بۇ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىنىڭ ھازىر نەدىلىكى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز. بىز پەقەت ئۇلار ئاشۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمىز. شۇنداقلا يولدىشىمنىڭ ئۈچ ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان 14 جىيەنىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. بىز بۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دارىلئېتاملارغا ئەۋەتىۋەتتىمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلماقتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىندا قېينىئىنىم ئابدۇرېھىم ئىدرىسنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.»

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى مۇتەخەسسىسلەردىن ئۇيغۇرلار جەمىيىتىدە بارلىققا كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائى ھادىسىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سوئاللار سورىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى بىر قىسىم  مەتبۇات  ۋاستىلىرى، ھەربىي قىسىملارنىڭ بىر قانچە نەپەر  كوماندىرى، ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش RFA