ئانالىزچىلار: خوڭكوڭدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى قۇرۇق شوئار

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.07.03
xongkong-namayish-qarshiliq.jpg خىتايغا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى نامايىشچىلارنىڭ بىرى جاشۇا ۋوڭ نامايىش مەيدانىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 28-ئىيۇن، خوڭكوڭ.
AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىنىۋاتقاندا، خوڭكوڭدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار خوڭكوڭدا 20 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ۋەدىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقى، ئاپتونومىيە، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ بوغۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىل ئىلگىرى ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ خۇددى ئىلگىرىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارغا ۋەدە قىلىنغان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە تۈزۈمى» نىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق شوئار بولغانلىقى بىلەن ئوخشاش سىياسەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

خوڭكوڭنىڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئوتكەن جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «ئەنگلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى بىر تارىخىي ھۆججەت. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىشىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق زورلاش كۈچى قالمىدى» دېگەن.

رويتېرسنىڭ 30-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى لۇ كاڭنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەنگلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» نىڭ ھازىرغا قەدەر قانۇنى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، «ئۇ، ب د ت دا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان قانۇنىي زورلاش كۈچىگە ئىگە شەرتنامە. ئۇ داۋاملىق كۈچكە ئىگە. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قول قويغان بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ» دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭ يۇقىرىقى سۆزلەرنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى باشلانغان ۋە شى جىنپىڭ خوڭكوڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تۈزۈم «پۈتۈن دۇنيا»نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلغان.

شى جىنپىڭ تەبرىكلەش سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەتنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدا ۋە خىتاي دۆلەت پۈتۈنلۈكى نۇقتىسىدا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خوڭكوڭ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولغان خوڭكوڭ سىياسىتىگە ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋە خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭنىڭ سۆزلىرىدە ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»نىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى تەكىتلىشى خىتاينىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى ھەققىدە 20 يىل ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ۋە دېموكراتىيەنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنڭ جانلىق ئىسپاتى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بولسۇن ياكى خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭنىڭ سۆزى بولسۇن. بۇ يەردە خىتاي (كوممۇنىست) ھۆكۈمىتى ‹بىر دۆلەت› سىياسىتىنى تەكىتلەپ، خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغان چاغدىكى "ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتى"نى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوڭكوڭدا ئاتالمىش ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈش› نى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلالمايدۇ، لېكىن شى جىنپىڭ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرى خوڭكوڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدىن خەتەرلىك سىگنال بېرىۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىر دۆلەتنى تەكىتلەپ خوڭكوڭدا ھازىر مەۋجۇت بولغان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى باستۇرۇۋاتىدۇ».

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت بۇرۇن ئىلگىرى-ئاخىرى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى، ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قاتارلىقلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىغا ئوخشاشلا ئۆز سىياسىتىدە سەمىمىي ئەمەسلىكىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ۋە «ئاپتونومىيە تۈزۈمى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنمايدىغان ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغىمۇ ئەمەل قىلمايدىغان قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق شوئار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئىيۇل خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭنىڭ ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى گۇروھلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خوڭكوڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش، خوڭكۇڭدا دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش شوئارى ئاستىدا 60 مىڭ كىشى قاتناشقان زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى بولدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ساقچى ئەۋەتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى سەۋەبلىك، نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنگەنلىكى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقسىز ھالەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۇ خىل نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارگا بەرگەن ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلمىغانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1984‏-يىلى، خىتاي باش مىنىستىرى جاۋ زېياڭ بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى مارگارېت تاچېر ئىمزالىغان «ئەنگلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا، ئۇنىڭ ھازىرقى سىستېمىسىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ۋە 1997-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغان چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا قاراتقان سىياسىتىدە مەزكۇر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.