بالىڭىز يات مىللەتكە نىكاھلانسا قانداق قىلىسىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭنىڭ توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
ئاينۇرگۈل بىلەن تيەن چاڭشىڭنىڭ توي مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
Social Media

ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا تۈركىيەنىڭ قەيسەرىگە جايلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار دىققىتىمىزنى تارتتى.

بۇ مەھەللىدە كىشىلەر بۈگۈنگىچە ئانا تىلنى ۋە ئانا مەدەنىيەتنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قالغان سەۋەپلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەھەللە بولۇپ ياشاش، ئۆز مىللىتى بىلەن تويلىشىشتىن باشقا ئىلاج قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەب بولۇپ كەلگەنلىكى كۆزگە تاشلاندى. مەزكۇر مەھەللىدە ياشاۋاتقان بىرىنچى ئەۋلاد قويۇق يەركەن تەلەپپۇزىنى ساقلاپ كەلگەن، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك ئىكەن.

بىز مۇشۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش قىلدۇق. تەكشۈرۈشتە ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ نىكاھ مەسىلىسىدە يات مىللەتتىن كېلىن ياكى كۈيئوغۇللۇق بولۇشقا قانداق قارايدىغانلىقى سورالدى. تەكشۈرۈش ئوبېكىتلىرىنى تاللىغاندا ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تىپىدىكى دۆلەتلەر، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق گىرەلەشكەن دۆلەتلەر ۋە زامانىۋىلىققا مەنسۇپ دۆلەتلەردىن ئەڭ كامىدا بىردىن ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى نەزەرگە ئېلىندى.

شەھەرلەرنى تاللىغاندىمۇ دىنىي چۈشەنچىلەر قويۇق مۇقەددەس شەھەر مەككىدىن تارتىپ دىندىن خالىيلىق تۈسى قويۇق ئامىستېردام شەھىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارەت قىلىنىشى كۆزدىن قاچمىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن سورالغىنى «بالىڭىزنىڭ يات مىللەتتىن نىكاھلىنىشىغا قانداق قارايسىز» دېگەن بىرلا سوئال بولۇپ تولىمۇ ئاسان ۋە قىسقا، ئەمما جاۋابلار ھەقىقەتەن قىيىن ۋە ئۇزۇن بولدى. بىرىنچى بولۇپ مۇقەددەس شەھەر مەككىدىن كەلگەن جاۋابنى ئاڭلاپ باقايلى.

ئۇيغۇرلۇقنى مىراس قالدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا سادىق ئەۋلاد تەربىيەلەشتە نىكاھنىڭ مۇھىملىقى ۋە نىكاھنىڭ ئۇيغۇردىن ياتقا باغلانماسلىقى مەزكۇر مەككىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ پىكرى. ئۇ بالىلارنىڭ نىكاھ يېشىدا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ئەمەس، بۆشۈكىدىن باشلانغان تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ۋاز كېچىلمەس قۇرغان ئىكەنلىكى بۇ مەككىلىك ئۇيغۇرنىڭ مىزانى.

ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ لەۋلەشكەن جايى ئىستانبۇلدا، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك قۇچاقلاشقان كۆپ مىللەتلىك زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراقنىڭ بۇ سوئالغا جاۋابى بەكمۇ ئەمىلى، زىيادە قىسقا بولدى. ئۇ نىكاھتا بالىسى تاللىغان ئوبيېكتنىڭ قايسى مىللەتنىڭ بولۇشىنى ئۆزىنىڭ تالىشىغا قويۇشنى ئاقىلانىلىك دەپ قارايدىكەن.

گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاسىيە خانىم ياشلىق دەۋرىدە ياشاۋاتقان بالىلىرىغا ئاتا-ئانىسىدىن مىراس ئۇيغۇرنىڭ ساپ قېنىغا سادىق بولۇش تەربىيەسى بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭچە بالىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى نىكاھلىنىش مەسىلىسىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن.

يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن سادالاردىن شۇ نەرسە مەلۇمكى، بىز تەكشۈرگەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى تۈركلەر بىلەن بىر مىللەت دەپ قارايدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك بۇ مەسىلىگە ئانچە ئەستايىدىل ئەمەس ئىكەن. بۇ ھەقتە بەك ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنمەيدىكەن. بەلكىم كەسپى، مەلۇماتى، تۇرمۇش سەۋىيىسى قاتارلىق ئامىللار نەزەرگە ئېلىنىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزىتىلسە باشقا قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.

سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن سادا تۈركىيەدىن پەرقلىق ئىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسى خېلىلا كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقنىڭ ۋارىسلىق مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى تۈركىيەدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك ئەستايىدىل.

گوللاندىيەدىن كەلگەن سادا ئەڭ كۈچلۈك، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇققا ۋارىسلىق قىلالماسلىق قورقۇنچى ئۇلارنى خېلىلا ساراسىمىگە سالغان. بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدا دۇنيانىڭ پەرقلىق قىتئە، مەدەنىيەت ۋە ئىقلىملىرىدا ئاتا-ئانا بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋام قىلىمىز. كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا پەرزەنت بولۇپ ياشاۋاتقان نىكاھ يېشىدىكى ياشلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك چۇقانلىرىغا قۇلاق سېلىشقا تىرىشىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت