«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولىدىكى مۈجمەللىك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.16
yengi-yipek-yoli-qazaqistan.jpg ياپونىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلىغا بېسىلغان «قازاقىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى قارىشى خىتاي بىلەن ئوخشاش» ناملىق ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Qutluq

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولىدىكى مۈجمەللىك» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ شوئارى بىلەن ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مۇلاھىزە قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىنى ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزى ئاسىيا قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جونېتىن خىلمېن يازغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان قاتارلىق جايلىرىغا بىۋاسىتە بېرىش ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 

ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ناھايىتى زور مەبلەغ ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، قاتناش-ترانسپورت قۇلايلىقى ۋە تىجارەتتىكى مەنپەئەت ۋەدە قىلىنىۋاتقان ناھايىتى زور كۆلەملىك بىر قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ ئەركىن تىجارەت قائىدىلىرىگە زىتلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قۇرۇلۇشتا بىر «مۈجمەللىك» بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك بىر خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ ئالدى بىلەن تاشقورغاندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ناھايىتى ياخشى سېلىنغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن تاشيول ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ داۋاملىق سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ ھەيۋەتلىك تاغلار بىلەن ئورالغان تاشقورغان ناھىيە بازىرىنىڭ بولسا خۇددى بىر ھەربىي مۇھاسىرىگە تەييارلىنىۋاتقان قورغانلارغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ئېگىز تاملار، توساقلار، تىكەنلىك سىملار بىلەن ئورالغان ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ئازغىنە مېھمانخانىلارنى كۆرىسىز. بىنا ئىچىدە ئولتۇرغان ئامانلىق خادىمى مېتال تەكشۈرگۈچ ئۈسكۈنىدىن ئۆتكەن زىيارەتچىلەرنىڭ ئۈستى-بېشىنى خۇشياقمىغاندەك تەكشۈرۈپ قويىدۇ. قالقان، توقماق قاتارلىق قوراللار كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىگە دۆۋىلەپ قويۇلغان. يۇقىرىقىدىكى شۇنچە ھەيۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان تىجارەت ناھايىتىمۇ ئاستا ۋە ئاساسەن شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئۇششاق سودا-سېتىقلاردىن ئىبارەت. قونجىراپ ئېغىزىدا تىجارەت ئالامىتى يوق ئىدى. ئەلۋەتتە، بىر قېتىملىق زىيارەت بىلەنلا ئېنىق بىر يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەرگە ئوخشاش چەت ياقا جايلاردا كۈندىلىك تىجارەتلەر پەسىل ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى دېگەندەك ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە بىر ساھەنىڭ قاتتىق گۈللىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ جايدىكى ئەڭ جەلپ قىلارلىق بىنا بولسا ساقچىخانا بىناسى. ناھايىتىمۇ پۇختا ۋە چوڭ. ئۇ خۇددى بىر دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا بىناسىغا ئوخشايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارنى ياساش چوقۇم بۇ رايوننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى. 2017-يىلى رايوننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 6. 7 پىرسەنت ئۆسكەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا قانچىلىك ھەقىقىي ئۈنۈم قوشقانلىقى پەقەت مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىلا مەلۇم بولىدۇ. ساقچىنىڭ تەسىرى بۇ يەردە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغىچە يېتىپ بېرىپتۇ. كىشىلەر ئاپتوموبىللىرىغا ماي قاچىلاش ئۈچۈنمۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرىدىكەن. مانا شۇنىڭدەك مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن قاتناش ئالاقە راۋانلىقىنى تەشەببۇس قىلىش ئارىسىدىكى بۇ زىددىيەت ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرىكىگىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش تىجارەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ-يۇ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تىجارەتنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى، جۈملىدىن ئىرقىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە بەلگىلىك گۇرۇپپىلارنى چەتكە قاقىدىغان سىستېمىنى يولغا قويدى. بىزنىڭ تەتقىقاتلىرىمىز ۋە رايوندىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇنداق تەكشۈرۈش پونكىتلىرى مەلۇم مىقداردا راۋانلىققا يول قويماقتا. چەكلىمىلەر ئاساسەن ھۆكۈمەت دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان. يەنى بۇنىڭدىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم ئەركىن تىجارەت ھەم چېگرا بىخەتەرلىكنى قوغداش دېگەن بۇ زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز دەپ قارايمەن.» 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بۇ قۇرۇلۇشىمىزدا غەلىبە قىلالايمىز، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

تەتقىقاتچى جونېتىن خىلمېن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە سان-ساناقسىز بىخەتەرلىك ئۆتكەللىرىنىڭ مال سېلىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، يەرلىكلەرنىڭ ھە دېسە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مانېۋىرى، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ۋە باشقا تىجارىتىگە كاشىلا قىلىدىغان ئىشلارغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، تېخى ئۆتكەن ئاي يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «پولاتتىن تام» ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلىسىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئىچكى ۋە تاشقى مەبلەغلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىلەرنىڭ يەنىلا ئىنتايىن چىڭلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئاپتور يەنە يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا ئۇچۇر قامالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: 

«مەنچە بۇ يەردە ماسلاشتۇرۇش ئەڭ قېيىن بولۇۋاتقىنى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇر ۋە يېڭى پىكىرلەرنىڭ ئايلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋەدىسى بولسا كېرەك. شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە ‹قەدىمىي يىپەك يولى پەقەتلا بىر تىجارەت يولى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىغىمۇ تۆھپە قوشقان. . . بۈگۈن، كۆپ قىرلاشقان بىر ئاساسىي قۇرۇلۇش تورى شەكىللىنىپ، تاشيول، دېڭىز، ھاۋا قاتناش-ترانسپورت قاناللىرى ۋە تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر دەۋرى يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا،› دەپ سۆز قىلغان ئىدى. بىراق ئەكسىچە، خىتاينىڭ ئۇچۇر چەكلەش ۋە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنلىرى يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. خىتاي تېخى ئۇچۇر ۋە بىلىمنى چەكلەيدىغان ‹ئوت تام› سىستېمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.» 

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى سۆزىدە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قىلىۋاتقان ۋەدىلەر بىلەن رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلار ماقالە ئاپتورى ئېيتقاندەك بىر-بىرىگە زىت بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، «يۇقىرىقى بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ماقالە ئاپتورى ئېيتقاندەك مۈجمەل بىر ئەھۋال. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار ئەكسىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۇمشىتىشنى، ئەركىن ئۇچۇر-ئاخباراتقا يول قويۇشنى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنى تەھدىتتەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە خىتاي ئۆزى بىرلىكتە تىجارەت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن،» دېدى. 

جونېتىن خىلمېن ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يەنە پاكىستاننىڭ بالۇچىستان رايونىدا خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى دېگەندەك ۋەقەلەرنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا نىسبەتەن بەزى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئەلۋەتتە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش كەڭ نەزەر دائىرىلىك پىلانلار ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە ئۇنىڭ دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تىجارەتتىكى ئەقەللىي ئامىللارغا سەل قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

جونېتىن خىلمېن ئەپەندى ماقالىسىنى تۆۋەندىكى بىر ئابزاس بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «تارىخ ھەرۋاقىت بىزگە يول كۆرسىتىپ كەلگەن. قەدىمىي يىپەك يولى قاتناش-ئالاقىنىڭ راۋانلىشىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. دەل شۇ سەۋەبلىك يىپەك يولى دېيىلگىنىدە، كىشىلەرنىڭ ئېسىگە تۆگىلەر، كارۋانلار ۋە توشۇلۇۋاتقان ماللار كېلىدۇ. ئەگەر يېڭى يىپەك يولىغا قانداقتۇر قاشاڭلىقنىڭ ئىپادىلىرى بولغان ساقچى پونكىتلىرى، ئۇزۇن ئۆچىرەتلەر ۋە تىكەنلىك سىملار سىمۋول بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ يېڭى يىپەك يولىدىن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىر نەرسە چىقماسلىقى مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.