«خىتايچىلاشتۇرۇلغان» مۇلەن ئوبرازى ۋە تارىخنىڭ سۈكۈتى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.28
Mulan-mulen-elan.jpg بىر كىشىنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە دىسنېي فىلىمى «مۇلەن» نىڭ ئېلانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 10-سېنتەبىر، بېيجىڭ.
AFP

دىسنېي شىركىتى 2020-يىلى قايتا ئىشلىگەن فىلىم «مۇلەن» تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ فىلىم ھەققىدىكى تۈرلۈك سەلبىي پىكىرلەر ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنى بىر ئالدى. ئىزچىل دۇنيا جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان دىسنېي فىلىملىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ يېڭى كىنونىڭ بىردىنلا بۇ قەدەر كەسكىن تەنقىد ۋە بايقۇت چاقىرىقلىرىغا دۇچ كېلىشىدە ئاساسلىقى بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولدى. ئەمما شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەزكۇر فىلىمدىكى باش قەھرىمان مۇلەننىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايلارغا مەنسۇپ بولمىغان بىر ئوبراز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئەسىرلەرگە سوزۇلغان تارىخىي مۇساپىلەردە تەدرىجىي ھالدا «خىتايلاشتۇرۇلۇپ» خىتايلاردىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانلىقىمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە «مۇلەن» ھەققىدىكى تەنقىد ۋە ئەيىبلەش چۇقانلىرى دىسنېي شىركىتى 1999-يىلى «مۇلەن» تېمىسىدىكى كارتون فىلىمنى ئىشلىگەندىلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىق 1999-يىلى 23-يانۋار كۈنى تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى «مۇلەنگە قارشى نامايىش» پائالىيىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى نامايىشتىكى بىر مۇھىم تەلەپنىڭ «بۇ فىلىمنى چەكلەش» ئىكەنلىكى بولغانلىقىنى ئېيتقان. نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى شۇ ۋاقىتتا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بۇ كارتون فىلىمدا تۈركلەرنىڭ تارىخى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ھۇنلار ياۋۇزلۇقنىڭ، خىتايلار تىنچلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان،» دېگەن ئىدى.

مۇلەن ئوبرازى خىتاي ئەدەبىياتىدا «مۇلەن ھەققىدە باللادا» ناملىق ئەسەر ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ھەممىگە تونۇشلۇق ئوبراز. ئەمما مەزكۇر ئوبراز ھەققىدىكى تارىخىي مەنبەنى سۈرۈشتۈرگەندە مۇلەن ئىسىملىك قىزنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى خىتايلار «شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقى» دەپ ئاتايدىغان، مىلادى 386-يىلىدىن 534-يىلىغىچە داۋام قىلغان پادىشاھلىققا مەنسۇپ ۋەقە ئىكەنلىكى ھەممىلا كىشىگە ئايدىڭ ۋەقەدۇر. ئېيتىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان «شىمالىي ۋېي» پادىشاھلىقى ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇدرەتلىك كۆچمەنلەر بولغان ئاۋار ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن بۇ ھەربىي ھۇجۇمنى توسۇش ئۈچۈن خەلق ئارىسىدىن كۆپلەپ ئەسكەر ئالغان. جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، «مۇلەن ھەققىدە باللادا» دىكى مۇلەن شۇ ۋاقىتتا ئاۋارلارغا قارشى ئەسكەر توپلىغان پادىشاھ ھەققىدە توختىلىپ: «قاغاننىڭ لەشكەرلىككە تىزىملىتىش ھەققىدىكى يارلىقىنى كۆردۈم» دەيدۇ. بۇ بۇ يەردىكى «پادىشاھ» ئاتالغۇسى ئۈچۈن مۇلەننىڭ خىتايلار ئەسىرلەر بويى قوللىنىپ كەلگەن «خۇاڭدى» ياكى «دى» سۆزىنى ئەمەس، ئەكسىچە قەدىمكى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان، شۇنداقلا 6-9 ئەسىرلەردىكى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا كۆپ قېتىم ئۇچرايدىغان «قاغان» نامىنى ئىشلىتىشىلا مۇلەننى ئەسكەرلىككە ئالغان پادىشاھنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مۇلەن توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئىللىنوي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «مۇلەن ھەققىدىكى رىۋايەت ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكادىكى مىراسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى لەن دوڭ (Prof. Lan Dong) خانىم بۇ رىۋايەتنىڭ زادى رىۋايەت ياكى ھەقىقىي ۋەقە ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇلەننىڭ راستىنلا بىر تارىخىي شەخس ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە بىز ھېچقانداق يازما ئىسپاتقا ئىگە ئەمەسمىز. بىزگە مەلۇم بولغىنى پەقەت بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ھېكايە ۋە قىسسەلەردۇر. بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىدە بىر باللادا شەكلىدە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ دەسلەپ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە مەنسۇپ بىر ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، راستىنلا شۇنداقراق بىر ۋەقەلىك ھەمدە شۇنداقراق بىر شەخسنىڭ ئۆتكەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. دەل مۇشۇ رېئاللىق ياكى ۋەقەلىك ئاشۇنداق بىر باللادانىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئەمما مۇلەننى بىز دەماللىققا مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋردە ياشىغان بىر ھەقىقىي شەخس، دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا ئاشۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇ ۋەقەدىن ئىلھاملانغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇنداق بىر رىۋايەتنى توقۇپ چىققان بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.»

«شىمالىي ۋېي» دەپ ئاتالغان بۇ پادىشاھلىقنى قۇرغانلار شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي مەنبەلىرىدە «سيانپى (سېربى)» دەپ ئاتالغان كۆچمەن خەلقلەرنىڭ «توبا» ناملىق قوۋمى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرلەردىلا فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس پائۇل پېلليوت (Paul Pelliot)، لويىس بازىن (Louis Bazin) قاتارلىقلار خىتاي مەنبەلىرىدىكى «توبا» سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈركىي تىلدىكى «تابغاچ» سۆزىنىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ئۆزلىرىنى «تابغاچ» دەپ ئاتايدىغان بۇ خەلقلەر تۈركىي تىللىق خەلقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈز نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ئارىدىن بىرەر ئەسىرچە ئۆتكەندىن كېيىنكى 6-9 ئەسىرلەردە تابغاچلارنىڭ شىمالىدا، يەنى ھازىرقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدە باش كۆتۈرگەن ئورخۇن تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جۇغراپىيەلىك دائىرىنى «تابغاچ» دەپ ئاتىغان. بۇ مەنىدىن كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار دەۋرىدە «خىتاي دۆلىتى» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان «تابغاچ» سۆزىنىڭ يەنە «جەنۇب تەرەپ» دېگەن مەنىسىمۇ بولغان. دەرۋەقە بۇ ھەقتىكى يازما خاتىرىلەرنىڭ يەنە بىرى 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئاپتور تابغاچلار ھەققىدە سۆز بولغاندا «تابغاچ-تۈركلەرنىڭ بىر بۆلۈكى. ئۇلار تابغاچ يۇرتىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ ‹تات تابغاچ› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹تات-تابغاچ› بۇ جۈپ سۆز. بۇ ئورۇندا ‹تات› سۆزى ‹پارس› دېگەن مەنىدە، ‹تابغاچ› سۆزى ‹تۈرك› دېگەن مەنىدە كەلگەن،» دەيدۇ.

پروفېسسور لەن دوڭ مۇلەن ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئەسلى مەنبەسى توغرىسىدا سۆز بولغاندا بۇنىڭ ئەسلىدىكى شىمال خەلقلىرىگە مەنسۇپ ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت كېيىنچە ۋاقىتلاردا خىتايلارغا تارقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «بۇنىڭ شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى بەكلا چوڭ. مەن بىر ئەدەبىياتشۇناس بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەسلى تېكىستكە بەكرەك زېھىن قويغان ئىدىم. بايقىشىمچە، بۇ ھەقتىكى مۇھىم دەلىللەرنىڭ بىرى باللادانىڭ ئەسلى تىلىدا كۆپلىگەن ئارىلاشما ئېلېمېنتلار بارلىقىدا كۆرۈلىدۇ. تىپىك مىساللارنىڭ بىرى سىز باياتىن تىلغا ئالغاندەك پادىشاھ ئۈچۈن ‹قاغان› ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى. بۇ ئاتالغۇ خىتايچە ئەمەس. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ پادىشاھنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ باللادا مىلادى 4-6-ئەسىرلەردىكى شىمالىي ۋېي خانىدانلىقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز شۇ ۋاقىتلاردىكى خەرىتىگە قارايدىغان بولساق، ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، مۇلەن ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ مەنبەسىنى خىتايدىن ئىزدەش مەنتىقىگە ‍ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا ئۇنى خىتاي بولمىغان خەلقلەر ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنسۇپ، دېيىش بىرئاز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن.»

ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەنە شۇ خىلدىكى بىر ۋەقەنىڭ ئىلھامىدا بارلىققا كەلگەن مۇلەن ھەققىدىكى ئىجادىيەت شىمالدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تەدرىجىي ھالدا جەنۇبقا سۈرۈلگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، مۇلەننىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەسىلىلەر تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.