مەشھۇر چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.03.23
musajan-exmet-chaqchaqchi.jpg ئاتاقلىق چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەت(سولدىن ئىككىنچى) چاقچاقچىلار بىلەن.
Musajan Exmet oghli Hidayet teminligen

20-مارت مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ھىدايەتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ھىدايەت ئائىلىسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم خەۋەر ئالغان.

ھىدايەتنىڭ بىر تونۇشى ئۇنىڭغا دادىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، يەنى «چەتئەلگە چىققان» ۋە «كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» دېگەندەك «جىنايەت» لەر بىلەن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ھازىر كۈيتۇن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ھىدايەت زىيارىتىمىز جەرياندا دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن قانۇنلۇق يول ئارقىلىق مىسىرغا بىر قېتىم ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى،بۇ يىل 10 ياشقا كىرگەن سىڭلىسى ئۈچۈن 2016-يىلى خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە جەرىمانىلىرىنى تۆلەپ، سىڭلىسىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ھىدايەت 2014-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى مىسىرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر ئۇ ئىستانبۇل مېدىيا ئاكادېمىيەسى گىرافىك لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

ھىدايەت لاگېر مەسىلىسى يۈز بەرگەندىن بېرى ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بولغانلىقىلا بىر جىنايەت ئىكەن. دادامدەك نورمال بىر پۇقرانىڭ خىتاينىڭ قانۇنى دائىرىسىدە ياشاپمۇ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قېلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوپئوچۇق بىر دەلىل، دەپ قارايمەن.»

مۇساجان ئەخمەت 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلغان. 1993-يىلىىن تاكى تۇتۇپ كېتىلگىچە غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق ھىسام قۇربان قاتارلىق داڭلىق چاقچاقچىلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويغان. ئۆزى يازغان سۆز ئويۇنى ۋە غۇلجا چاقچاقلىرىدىن تاللانغان بىر قانچە پىلاستىنكىلارنى چىقارغان. ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە تەكلىپلىك رىياسەتچى بولغان.

رادىيومىز مۇساجان ئەخمەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇ رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئايال خادىم: «بۇ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى، بۇ يەردە كىملەرنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى مەن ئېنىق بىلىمەن. مۇساجان ئەخمەت دەپ بىرى بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ،» دېدى ۋە بىزنىڭ مۇساجان ئەخمەت ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن يەنە غۇلجا ناھىيە كېپەكيۈزى يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلارمۇ: «ئۇنداق بىرى يوق،» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز يەرلىك دائىرىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كېپەكيۈزى يېزىلىق مەھەللە باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق سوئاللارغا ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇساجان ئەخمەت ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرشنى رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن مۇساجان ئەخمەتنى تونۇيدىغان يەرلىك كىشىلەردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق. مۇساجان ئەخمەتنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چاقچاقچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بىر ئايال: «ئۇنى ئۆگىنىشكە كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق، قالغىنىنى بىلمەيمەن،» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئەڭ يۈكسەك دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولغاچقا مۇساجان ئەخمەتكە ئوخشاش ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش ناھايىتى قىيىن بولماقتا.

ئاخىرىدا ھىدايەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەخسلەرنى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

مۇساجان ئەخمەتنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق دوستى پەرھات ئابىتمۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن دوستىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇساجان ئەخمەت رادىكاللىقتىن يىراق، خۇشچاقچاق كىشى ئىدى، مەن خىتاينىڭ مۇساجان ئەخمەتنى تېزدىن قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.