ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى ميۇنخېندا ئالقىشقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

6-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى تەركىبىدە 80 تەشكىلاتى بولغان «ئىختىيارىي مۇلازىمەت تەشكىلاتلار بىرلىكى» شەھەرنىڭ ئاۋات سودا رايونى بولغان مەريەم مەيدانىدا «ئۆزىگە ياردەم» نامىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتتە ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» بىلەن «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نومۇر كۆرسىتىپ، يەرلىك ئاۋام ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان.

«ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ھەر قېتىمقى «ئۆزىگە ياردەم» نامىدىكى پائالىيەتلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى» دەپ قاراپ، 1-بولۇپ ئۇيغۇرلارنى سەھنىگە چىقىرىدىكەن.

دەرۋەقە، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى بولۇپ سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى ۋە ئۇيغۇرچە كۆركەم كىيىملىرى، يېقىملىق ناخشا-سازلىرى تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن 5 قېتىم نومۇر كۆرسەتكەن. نۇرنىسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ميۇنخېندىكى ئۇسۇل يېتەكچىسى خالىسە خانىم تەرىپىدىن ھەپتە ئاخىرىسىدىكى كۈنلەردە تەربىيەلىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھەر يىلى ميۇنخېندا تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەن´ئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەدھىيەلىرىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتىكەن.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» سەھنىنى ئىگىلىگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسئۇلى دىلنار خەزىنىچى خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ھەمدە «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» توغرىسىدا تاماشىبىنلارغا چۈشەنچىلەر بەرگەن. ئاندىن، مەزكۇر ئورگان تەركىبىدىكى «ئۇيغۇر ئاناتىل مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەر مودا كۆرگەزمىسى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا مۇيەسسەر بولغان.

بۇ قېتىمقى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت كۆرەكلىرى پائالىيىتىنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ھەمدە باشقا ئۇيغۇرلارمۇ بېرىپ تاماشا قىلغان. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلققە ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇتۇش نۇقتىسىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بېرى گېرمانىيەدىكى خانىم-قىزلار پائال قوزغىلىپ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاناتىل مەكتىپىدە ياش ئۆسمۈرلەرنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى قاتارلىق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ يەرلىك ئاۋامنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت