ئامېرىكادىكى ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى NBA مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.10.31
google-uyghur-namayish.jpg ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ۋاشىنگتوندىكى Capital One تەنتەربىيە سارىيىدا خىتايغا قارشى «گۇگۇل ئۇيغۇر» نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
Social Media

30‏-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئامېرىكىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلار ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى، يەنى NBA نىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كاپىتال بىر» ناملىق تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان. ئۈستىدىكى مايكىلىرىغا «گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن خەت يېزىلغان ياشلار مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ئەركىنلىك بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكىتىگە دائىر پىكىر ۋە مۇنازىرىلەردە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى»، «كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى» ھەققىدە پىكىرلەر يېزىلماقتا. بۇ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا يۈز بەرگەن تۇنجى نارازىلىق ھەرىكىتى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا «ۋاشىنگتون سېھىرگەر ۋاسكېتبول كوماندىسى» بىلەن خىتاينىڭ «گۇاڭجۇ شىر ۋاسكېتبول كوماندىسى» مەزكۇر تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بىر گۇرۇپپا تاماشىبىن ئوخشاشلا «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. لېكىن بۇ نامايىشچىلار مۇسابىقە مەيدانىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ھالبۇكى، «خيۇستون راكېتا ۋاسكېتبول كوماندىسى» بىلەن «ۋاشىنگتون سېھىرگەر كوماندىسى» ئوينىغان 30‏-ئۆكتەبىردىكى مۇسابىقىدە دائىرىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇداخىلە قىلمىغان. مۇسابىقىدىكى نارازىلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەھرام سىنتاش 31‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نامايىشى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«كاپىتال بىر» تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ قائىدىسىدە تاماشىبىنلارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا سىياسىي خاراكتېرلىك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قائىدە تۈزۈمى سەۋەبلىك گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن بولغان ئۆتكەن قېتىملىق مۇسابىقىدە باشقۇرغۇچىلار تاماشىبىنلارنىڭ «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «گۇگول ئۇيغۇر» دېگەن لوزۇنكىلىرىنى تارتىۋالغان ئىدى. لېكىن بەھرام سىنتاشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30‏-ئۆكتەبىردىكى مۇسابىقىدە باشقۇرغۇچىلار ئۇلارغا مۇداخىلە قىلمىغان. ئۇ بۇ قېتىم ئەقىللىق ئىش قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «گۇگول ئۇيغۇر» دېگەن شوئارنى مايكىسىغا يېزىپ، مەيدانغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېف مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوللىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 31‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ NBA غا خيۇستون راكىتاسىنىڭ دىرېكتورى دارېل مۇرەينى قوللايدىغانلىقى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «NBA دارېل مۇرەينىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى. ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى مەسئۇلىنىڭ جەمئىيەت خادىملىرى شۇنداقلا بىر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاشتەك ئامېرىكا قىممەت ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن سۆزلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى ئامېرىكاغا يات بىر قىلمىشتۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار تۈنۈگۈن بېرىپ مۇسابىقە مەيدانىدا بۇ قىممەت ئۆلچىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە، ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نايامەن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خوڭكوڭ ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

لۇئىسا گرېف يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە مەشىق مەركىزى قۇرغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزىنى تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، NBA ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق مەركىزى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نورمال مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك ئىكەن.

لۇئىسا گرېف مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق بازىسىنى تاقىشى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايوندا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ھەر قايسى دىنىي-ئېتنىك گۇرۇھلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بۇ رايوندا مەشىق مەركىزى قۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشىغا نورمال ئىشتەك مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىان زېنزنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ئامېرىكا شىركىتى ياكى NBA دەك بىر ئورگان قىلىدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا NBA بۇ مەشىق بازىسىنى تاقىشى ۋە كەچۈرۈم سورىشى كېرەك.»

لۇئىسا گرېفنىڭ قارىشىچە، NBA كەچۈرۈم سوراپلا قالماي، يەنە چەتئەلدىكى يۆلەنچۈكسىز قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئەگەر NBA ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈپ، ھېچ بولمىغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە ئىقتىسادى ياردەم بەرسە، ئەڭ توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. . . ئامېرىكاغا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كېلىپ ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنى چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىگە پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قايتىپ بارسا تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللەردە يۆلەنچۈكسىز ياشىماقتا.»

بۇ خىل نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىدەك نوپۇزلۇق بىر ئورگاننىڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىدا يۈز بېرىشى بۇ ئورگاننىڭ پىكىر ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا تىز پۈكۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى دارېل مۇرەي تىۋېتېرغا ئىنكاس يوللاپ، خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دارېل مۇرەينىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈپ، NBA نىڭ مۇسابىقىلىرىنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىشنى توختاتقان شۇنداقلا دارېل مۇرەينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، NBA خادىملىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە پىكىر بىلدۈرۈشىنى چەكلىشى، دارېل مۇرەينىڭ سۆزىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئامېرىكادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.