نورۋېگىيەدە «مەھبۇسلار ساداسى ۋە سىكاندىناۋىيە ئۇيغۇر ئەركىنلىك يۈرۈشى» نامىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.05.06
osloda-namayish.jpg نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھبۇسلار ساداسى ۋە سىكاندىناۋىيە ئۇيغۇر ئەركىنلىك يۈرۈشى» ناملىق نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-ماي.
RFA/Arslan

4-ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھرىدە «مەھبۇسلار ساداسى ۋە سىكاندىناۋىيە ئۇيغۇر ئەركىنلىك يۈرۈشى» نامىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىش نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا نۇرۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى ۋە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.

نامايىش جەرىيانىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە لاگېرلارغا قامالغان نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا باياناتلار ئېلان قىلدى ۋە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويدى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، بۇ نامايىش، نەچچە مىليون بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلق كىشىلەرگە چىنلىق ۋە راستچىللىق تۇيغۇسى بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېئىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى

سەمەت ئابلا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى، كۈتكەن مەقسىتىدە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، «مەھبۇسلار ساداسى ۋە ئىسكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشى» ناملىق نامايىش 4-ئاينىڭ 28-كۈنى شۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولۇم شەھىرىدە باشلىنىپ 5-ئاينىڭ 4-كۈنى نۇرۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 3 مىليون ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغان ۋەكىل خاراكتېرلىق 300 ئۇيغۇرنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئوسلۇ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق لاگېر مەسىلىسىدە نورۋېگىيە ۋە شىۋېت خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوسلۇ شەھىرىدىكى بۇ نامايىشتا پادىشاھ سارىيى، پارلامېنت ئالدى قاتارلىق جايلارنى ۋە كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلدۇق. بۇ نامايىش شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ئۇيۇشىشى ئارقىلىق يېقىن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ نامايىش قىلىپ كۈچىمىزنى توپلاشتىن ئىبارەت مۇھىم نوقتىنى يورۇتۇپ بەردى».

بىز يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ھەيئىتى ئەزاسى خەلچەم مۇھەممەتئىمىننىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق، ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرىنىۋاتقان ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۋېتسىيەدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان قۇربانجان بۇ نامايشقا قاتناشقاندىكى تەسىراتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىشقا 600 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ شۋېتسىيەدىن كەلدۇق، نامايىش جەرىيانىدا ھاۋا سوغۇق ۋە قار ئارىلاش يامغۇر ياققان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىز ۋە نامايىش جەرىيانىدىكى قىزغىن كەيپىياتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە سوغۇقلارمۇ ھېس قىلمىدۇق».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.