نۇرى تۈركەل: خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ كېڭىيىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-06-23
Share
bdt-binasi-aldi.jpg بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 15-مارت، جەنۋە.
REUTERS

22-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا 40 تىن ئارتۇق دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل بىر ئۆمەك ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر بىرلەشمە باياناتنى كانادا باش ئەلچىسى لېسلېي نورتون ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوقۇپ ئۆتكەن.

باياناتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمىز. ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا قارىغاندا شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى خالىغانچە قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا يەرلىك مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە چەكلىمە قويۇلغان. تۇتۇقلانغان كىشىلەرنىڭ رەھىمسىز قىيىن-قىستاققا ۋە ھەر خىل ئۇسۇلدىكى خورلاشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى، جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى قىيناشنىڭ بىر تۈرىگە ئايلانغانلىقى، بالىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا ئېرىشتۇق. بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى 29-مارت ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە ئۆز يۇرتىدىن يۆتكىلىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانىدى.

بىز خىتاينىڭ ب د ت ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەتتە شىنجاڭغا بېرىپ توسالغۇسىز ھالدا تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى، ھەمدە ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تەكلىپنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ بىرلەشمە بايانات ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا بۇ مەسىلىگە بىرلىكتە ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك».

بېيجىڭ تەرەپ بۇرۇنقىدەكلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، لاگېرلارنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ تەسۋىرلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باچېلېت خانىم 21-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي زىيارىتىدە بولۇشنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر باستۇرۇشقا دائىر دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ بىرلەشمە باياناتنىڭ بىر غەلىبە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا قېتىلغان 40 نەچچە دۆلەتنىڭ قاتارىدا تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ بولماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتلەردە خىتايدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇشنى تاللاۋاتىدۇ».

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئامېرىكادىكى «‍ئوكسىئوس» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى قايتا-قايتا رەت قىلغان. ئىمران خان «خىتاينىڭ پۇلى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى ئۇنى بىزار قىلغان-قىلمىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: «مەن مېنىڭ چېگرامدا، مېنىڭ دۆلىتىمدە نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ دىققىتىمىزنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرىمەن» دېگەنىدى.

ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان، شۇڭا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش تەس. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى بىلىشى كېرەككى خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ كېڭىيىۋاتىدۇ».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت