ئۆمەر بېكئالى ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتلەردە جازا لاگېرلىرىنى ئىسپاتلىق ئاڭلاتماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-03-28
Share
omer-bekali-yawropa.jpg ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى ب د ت دا جازا لاگېرلىرىنى ئىسپاتلىق ئاڭلاتتى. 2019-يىلى مارت.
RFA/Gülchéhre

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 8 ئاي يېتىپ چىققاندىن كېيىن رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا لاگېرلار ھەققىدە تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بېكئالى نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن 8-مارتتىن باشلاپ ياۋروپانى ئايلىنىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

بۇ جەرياندا ئۇنىڭ 13-مارت كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش تېمىسىدىكى گۇۋاھلىقى زور ئىنكاس قوزغىدى.

گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىدە ئۆمەر بېكئالى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش توغرىلىق جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

بۈگۈن گوللاندىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.