ئۆمەر بېكئالى: «جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇساپىرلار لاگېرىغا تۇتۇلدۇم»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.11.07
Amer-Bekali-2019-Gollandiye-01.jpg جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ 2-يىلىغا قەدەم قويغان ئۆمەر بېكئالى. 2019-يىلى. گوللاندىيە.
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان لاگېرلىرىنىڭ ئىچكىي سىرلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا شۇ لاگېرلاردا يېتىپ كېيىنچە چەتئەللەرگە ھايات قېچىپ چىقالىغان ساناقلىق شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.


ئۆمەر بېكئالى ئەنە ئاشۇ لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى. ئۇ لاگېردىكى كەچمىشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا جاسارەت كۆرسەتكەن تۇنجى لاگېر شاھىتى. ئۇنىڭ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققىنىغا 2 يىل بولۇپ قالدى. 

ھايات كاپالىتى ئىزدەپ دەسلەپ قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆمەر بېكئالى كېيىنچە ئايالى ۋە بالىلىرىدىن تەكرار ئايرىلىپ، گوللاندىيەدە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ گوللاندىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدا يىگانە ھالدا ياشاۋاتقىنىغا 8 ئايدىن ئاشتى. ئۇ ھازىر روھىي دۇنياسىدىكى داۋالغۇشلىرىنى ۋە ئىزتىراپلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە كىتاب يېزىشقا كىرىشكەن ئىكەن. 

ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچەھرەنىڭ ئۆمەر بېكئالى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.