ئۆمەر فارۇق: «ئىككى قىزىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 2 يىلدىن بۇيان قىلمىغان ئىشىم قالمىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.24
ئۆمەر فارۇق: «ئىككى قىزىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 2 يىلدىن بۇيان قىلمىغان ئىشىم قالمىدى» 6 ياشتىكى قىزى زاھىدە بىلەن 5 ياشتىكى قىزى زەرىفە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان ئۆمەر فارۇق ئەپەندى ئىككى قىزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. 2021-يىلى ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئاتا-ئانا، بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈشكە باشلانغان ئىدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تۈركىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلار «ئائىلەم قەيەردە؟» ناملىق پائالىيەت باشلاتقان ئىدى. بۇ ياشلار ئىستانبۇلدىكى مەيدان ۋە كوچىلاردا، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھەمدە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالالمىغان. بۇلارنىڭ بىرى 6 ياشتىكى قىزى زاھىدە بىلەن 5 ياشتىكى قىزى زەرىفە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان ئۆمەر فارۇق ئەپەندىدۇر. ئۆمەر فارۇق ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ئىككى قىزىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىككى قىزى بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشى قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە قىزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەن.

ئۆمەر فارۇق ئەپەندىنىڭ تۈركىيەلىك ئىككى قىزى 6 ياشتىكى قىزى زاھىدە بىلەن 5 ياشتىكى قىزى زەرىفە.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆمەر فارۇق ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئىككى قىزىدىن قانداق ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆمەر ھەمدۇللا، تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئىسىم-فامىلەم ئۆمەر فارۇق. مەن 2012-يىلى دادام بىلەن ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن مەككىگە بارغاندا، دادام مەككىدە تۈگەپ كېتىپ، مەن مەككىدە ئوقۇش ئۈچۈن قالغان ئىدىم. ئەمما ھەر يىلى تەتىلدە ۋەتەنگە بېرىپ كېلەتتىم. ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى 9-ئايدا تەتىلنى تۈگىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقتىم. ئايالىم ۋەتەندە قالغان ئىدى. ئۇ 2016-يىلى 12-ئايدا ماڭا ئۇچۇر قىلىپ، ساقچىلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ۋاقىتتا ۋەتەندە ئومۇميۈزلۈك پاسپورت يىغىۋېلىشنى باشلاپتىكەن. مېنىڭ 4 قىزىم بار ئىدى، ئىككىسىنىڭ نوپۇسى بولمىغاچقا قېينىئانامنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق. ئۆيدىكىلەر ئۇ ئىككى قىزىمنىڭ نوپۇسىنى چىقىرىپ ئارقامدىن ئەۋەتىپ بەرمەكچى ئىدى.

ئۇ ئايالى بىلەن دۇبەيدە جەم بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ دۇبەيگە كەلدىم، ئايالىم نۇپۇسى بار 2 قىزىمنى ئېلىپ دۇبەيگە كەلدى. دۇبەيدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، 2017-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە كەلدۇق. 2017-يىلى 10-ئايلاردا ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى قىلىدىغان ئىككى ئاكام، يەنى روزى ھەمدۇللا بىلەن مەمەت ھەمدۇللا، قېينىئاتام ئابلىمىت زىياۋۇدۇن ۋە قېينىئانام ھۆرىگۈل باراتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلدى. ئۇلار ھازىر ھاياتتىمۇ ياكى ئۆلدىمۇ؟ بۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق. ئانام خەيرىنىساخان 67 ياشتا، ماڭالمايدۇ. ئىككى ئاكام ۋە ئانام تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىككى ئاچام زەينىگۈل ئابدۇللا بىلەن ھاۋاگۈل ئابدۇللادىنمۇ ھېچقانداق خەۋەر يوق.»

ئۆمەر فارۇق ئەپەندىنىڭ ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن روناق تاپقان ئىككى ئاكىسى روزى ھەمدۇللا بىلەن مەمەت ھەمدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى خەيرىنىساخان.

ئۆمەر فارۇق ئىككى قىزىنى تۈركىيە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىنىڭ قالمىغانلىقىنى، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئائىلەم بىلەن 2019-يىلى تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندۇم. 2020-يىلى تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندىم. ۋەتەندە قېلىپ قالغان زاھىدە بىلەن زەرىپە قىزىممۇ تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندى. 2020-يىلى 6-ئايلاردا ۋەتەندە قەپ قالغان ئىككى قىزىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇندۇم. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال جاۋاب قايتۇردى. ۋەتەندە قەپ قالغان تۈرك پۇقراسى ئىككى قىزىمنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى دېدى. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تېلېفون قىلىپ، ئىككى قىزىمنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەلەپ قىلدى. مەن بارلىق ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىپ بەردىم. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىككى قىزىم ھەققىدە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپتۇ. خىتاي 3-4 ئايغىچە جاۋاب بەرمەپتۇ. 4 ئايدىن كېيىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى مېنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇشۇمنى دەپتۇ. مەن ئىلتىماس يېزىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ئاپاردىم، مېنى قوبۇل قىلمىدى. مەن بۇ ئەھۋالنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئېيتتىم. ئۇلار توختىماستىن ئىزچىل ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى ماڭا تېلېفون قىلىپ، قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئائىلەمدىن ۋە قىزىمدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى دېدى. خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالمىغان ئىلتىماسنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ئېيىتتى. مەن ئۇنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىسىخانىسىغا ئەۋەتتىم. تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغانلىقىنى، باش ئەلچى ئەمىن ئۆنەن ئەپەندىنىڭمۇ ئۇ ھەيئەت بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۆينىمۇ زىيارەت قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.»

ئۆمەر فارۇق ئەپەندى 2 قىزى بىلەن جەم بولغۇچە بۇ دەۋانى قىلىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك بولغان ھەممە يەرلەرگە ئىلتىماس سۇنۇش بىلەن بىرلىكتە، كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەردىم ۋە بېرىۋاتىمەن. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ تۈرك خەلقىغە ئاڭلىتىۋاتىمەن. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى مېنىڭ ئەھۋالىمنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئىككى قىزىمنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلمىگۈچە، بۇ دەۋادىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايمەن.»

ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمەر فارۇقنىڭ ئىككى قىزىنىڭ مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى تىۋىتتېىر ئارقىلىق ئەھۋال توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ تۇرغان. ئۇ 10-ماي كۈنىدىكى تىۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازغان: «ياخشى قېرىندىشىم، كۆپ قېتىم ساڭا دېگىنىمدەك، بىز قىزلىرىڭنىڭ ئىشىنى كۆزىتىۋاتىمىز. بىز سىزنىڭ ۋە بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى سۈيلەپ، ئىزچىل ھالدا سىلەرگە مەلۇمات بېرىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئاللاھ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن. بىزمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز!»

ئۆمەر فارۇقنىڭ ئىككى قىزىنىڭ مەسىلىسىنى «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فەخرىددىن باخشى ئەپەندى 15 ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.