ئۆمەر قانات: «خىتاي مالايشىيا زىيارىتىمىزنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022-04-18
Share
ئۆمەر قانات: «خىتاي مالايشىيا زىيارىتىمىزنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2022-يىلى 17-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكنىڭ مالايشىياغا ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارەت پائالىيەتلىرى 17-ئاپرېل ئاخىرلاشقان. زىيارەت جەريانىدا خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 4 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا، ئۇلار مالايشىيانى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ شېرىكلىرىدىن بولغان ۋافىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، ئامېرىكانىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مك فەئەتەرس (Mc feeters) ئەپەندى، مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ ئۆمەك يەنە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا شۇ يەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن. 2022-يىلى 17-ئاپرېل.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا شۇ يەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن. 2022-يىلى 17-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

17-ئاپرېل كۈنى مالايشىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 29-30 كۈنلىرى مالايشىيا بىلەن ھىندونېزىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ يىغىن چاقىرىپ، بەزى كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكىنى، بۇ كېلىشىملەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى بۇنى تېخىچە قوبۇل قىلمىغان. ئەكسىچە ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مالايشىيادىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىيونلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى 16-ئاپرېل كۈنى مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن كۇئالالۇمپۇردىكى تامۇ مېھمانخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىدە دوكلات بەرگەنلىكىنى، بۇ يىغىندا كېلەر يىلى رامىزان ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە قوغداش» پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ قېتىمقى مالايشىيا زىيارىتىدە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، مالايشىيا پارلامېنتىمنىڭمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر ئىككى كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكنىڭ14-ئاپرېل كۈنىدىن 17-ئاپرېل كۈنىگىچە بولغان زىيارىتىنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي زور كۈچ چىقارغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان.

ئۆمەر قانات باشچىلىقىدىكى 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بۇرۇنمۇ، يەنى 2019-يىلى1-ئاينىڭ ئاخىرىدىمۇ مالايشىيا بىلەن ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت