ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى: «كانادادىن كەلگەن ياردەمنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تارقاتتۇق»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.04.01
pakistan-omer-uyghur-wexpi.jpg ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى
Photo: RFA

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى 1-ئاپرېل كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ يېقىندا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۆمەر داۋۇتنىڭ نامىدا ئەۋەتىلگەن ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» 31-مارت كۈنى بۇ ياردەم پۇلىغا ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان راۋىلپىندىدىكى ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن پۇقرالارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر تېخى رەسمىي يولغا قويۇلمىغان. بۇ سەۋەبتىن پاكىستاندا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ياردەم قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم مۇراجىئىتى يوللىغان ئىكەن.

بىز ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى تەمىنلىگەن تېلېفون ئۇچۇرى بويىچە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۆمەر داۋۇت ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر داۋۇت ئەپەندى پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم مۇراجىئىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋانكوۋېردىكى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە ئەزا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يىغىلغان 1300 كانادا دوللىرى ياردەم پۇلىنى ئۆز نامىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر داۋۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يېرىم يىلدىن بۇيان پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرقانچە قېتىم ياردەمدە بولغان ئىكەن. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە نېمە ئۈچۈن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىئانە توپلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېھتىياجلىق ئائىلىلەر بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالاقە دائىرىسى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كەڭرى بولغىنى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىغاندا كەڭرى ئىكەن. ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەمگە ئېرىشىش پۇرسىتى بەكلا ئاز ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاننىڭ راۋىلپىندى، گىلگىت قاتارلىق جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمى يەككە تىجارەت ۋە رېستوران مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن. «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» قۇرۇلغان يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار پاكىستاندىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2020-يىلنىڭ بېشىدا خىتايدىن تارقىلىپ پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم ئاپىتىگە ئايلانغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن باشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان ئىكەن.

خەلقئارا تاراتقۇلار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلنىڭ بېشىدا خىتايدىن تارقالغان كرونا ۋىرۇسى پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئېغىر يۇقۇمغا ئايلانغان مەزگىلدە، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قالغان ھەتتا سىياسىي جەھەتتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى كرونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كەلگەن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.