پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.06.03
hayat-menzilliri.jpg پېشقەدەم مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەللەردىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى نەشرىياتچىلىق خىزمەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە.

پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يورۇققا چىقتى. مەزكۇر كىتاب 630 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەسەردە ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ئەسەردە 80 بەتلىك رەڭلىك سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، كىتابنىڭ ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، بىرىنچى قىسىم «مېنىڭ ئاتا-ئانىلىرىم»، ئىككىنچى قىسىم بولسا «ئۈرۈمچىدىكى شەرقىي تۈركىستان دارىلمۇئەللىمىنىدە» ۋە ئۈچىنچى قىسىم «شەرقىي تۈركىستان دارىلفونىدا» قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى كىتابنىڭ بىئوگرافىيەلىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى، بۇنى يېزىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ كىتابتىكى ھېكايىلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىتىلغانلىقىنى، كىتابتا ھەقىقىي تارىخ ئاڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشقا ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى كىتابنىڭ ياشلارغا ئىلھام بۇلىقى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يېقىندىن بېرى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچىلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان كىتابلارنى نەشر قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇنداقتا ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تارىختىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل كىتابلارنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ پېشقەدەم ئىنقىلابچى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىشقا باشلىغان. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ «زىنداندىن ياڭرىغان ئاۋاز»، «شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قانلىق يارىسى»، «ھىجران دەردى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقى» دېگەندەك ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ تارقاتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.