تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرىسىدە ئۆركەش دۆلەت (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.06.10
orkesh-dolet-muxbir.jpg 1989‏-يىلى خىتايدا پارتلىغان تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2019-يىلى 22-ماي، تەيبېي تەيۋەن.
AP

ئۆركەش دۆلەت ئۆتكەن ھەپتە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەسناسىدا ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەن.

ئۆركەش دۆلەت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىكى نۇتۇقلىرىدا بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قايتا خۇلاسىلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى «خىتاي تىنچ يول بىلەن دېموكراتىيەلىشىدۇ» دېگەن خاتا قاراشتىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە چاقىرغان. 

ئۆركەش دۆلەت بايانلىرىدا خىتاينىڭ 30 يىلدىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى كۈتكەندەك دېموكراتىيە يولىغا ماڭمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسايىن مۇستەبىتلىشىپ، يېڭىچە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ مودېلىنى دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

2-ئىيۇن كۈنى ئۆركەش دۆلەت «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا «خىتايدەك مۇنداق بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بۇ قەدەر كۈچلىنىشى ئەمەلىيەتتە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ خىتايغا يول قويۇشى بىلەن باشلانغان،» دېگەن.

ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلدىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ، نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا پۇقرالارنىڭ سۆز-ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ مۇستەبىت رېجىمىدىن قېچىپ چەتئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆركەش دۆلەت يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان سەرخىللەرنى خىتاي چېگراسىدىن كىرگۈزمەسلىك، ئۇلارنىڭ ۋەتەندە قالغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش، ئۇلارغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمەسلىك قاتارلىق يوللار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆچ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدىكى تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

6-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۆركەش دۆلەت تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا سالغان.

ئۆركەش دۆلەت ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيەتكە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سالام قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار، ئاكا-ئۇكا دوستلىرىم، ئالدىنقى كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇكاپات ئالغان كۈنى بولدى. بىز بۈگۈن بۇنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمما ۋەتەننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى ئويلىغىنىمىزدا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىمىز زېدە. ھەم بىز قىلىدىغان ئىشلار جىق. شۇڭا بىز ۋەتەنداشلىرىمىزنى لاگېرلاردىن چىقىرىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى.»

ئۆركەش دۆلەت ئىنگلىزچە سۆزلىگەن سۆزىدە ئاۋۋال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. 

ئاندىن ئۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش يولىنىڭ مۇشەققەتلىك بىر جەريان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ياش بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قوللىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغانلىقىنى، ئۆزى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلغان بىرقانچە ئايدا ھېچقاچان كەمسىتىلىشكە ئۇچرىمىغانلىقىنى، بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىدىن ئەمدى ئۈمىد كۈتمەسلىكنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھاكىممۇتلەق مودېلىنى دۇنياغا يېيىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئەمدى خىتايغا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. يەنە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلەردە مەنپەئەتنى دەپ كىشىلىك ھوقۇقنى بىر ياققا قايرىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

ئۆركەش دۆلەت ئامېرىكادىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ مەشھۇر رەھبىرى مارتېن لۇتېر كىڭنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە خەلقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق» قا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.