ئۆركەش دۆلەت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.10.04
ئۆركەش دۆلەت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى خۇدسون ئىنستىتۇتنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
hudson.org

تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نۇرىي تۈركەل ئالدى بىلەن يېقىن دوستى، تونۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى لىدىرى ۋە ھازىرقى تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆركەش دۆلەتنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۇنى قارشى ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن دۇنيا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشتە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كېچىكتى؟» دەپ سورىدى.

تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى خۇدسون ئىنستىتۇتنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
تەيۋەن پارلامېنتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى خۇدسون ئىنستىتۇتنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر.

ئۆركەش دۆلەت بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «1989-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىقپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىنلا بىز ئامېرىكىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن. بىراق ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىزگە ئوخشاش ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى ئىزچىل ھالدا ‹سىلەر ئۆكتىچى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى تىللايسىلەر، ئۇنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈۋېتىسىلەر› دەپ قاراش بولدى. ئۇلار پۇرسەتنى شۇ چاغدا كەتكۈزۈپ قويدى. دۇنيا خىتايغا ئىزچىل خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ باي قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلەشتۈرۈش دەيدىغان خاتا سىياسەت. ئىككىنچىسى، خىتايدا نېمە بولسا بەرىبىر بىزگە تەسىر قىلمايدۇ، دەيدىغان شەخسىيەتچى خاتا سىياسەت بولدى».

ئۆركەش دۆلەت يەنە ئەسكەرتىپ؛ «دۇنيا 21-ئەسىردە ئىنتايىن قارا نىيەت بىر ھاكىمىيەت بىلەن يۈزلىشىپ تۇرۇپتۇ. دۇنيا ئەينى چاغدا خىتاينى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. شۇڭا ئۇلار ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىگە خوڭكوڭلۇقلارغا، ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلماڭلار، دېسە خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارغا قارايدىغان ۋاقتىمىز ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، دەۋاتىدۇ. دۇنيا ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق رەزىل بىر ھاكىمىيەتلىكىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بەك كېچىكىپ كەتتى، دەپ قارايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى تىزگىنلەشتە كېچىكىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرىنى چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: «2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار پۈتۈن دىققەت مەركىزىنى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشتۈردى. نەتىجىدە دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىغا ھۆرمەت قىلىش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئۇ چېگرانىڭ ئىچىدىكى ھاكىمىيەت مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىش تەكىتلەندى. نەتىجىدە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن كۆرۈشتەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. مانا بۇنداق ۋەزىيەت دەرھال ئۆزگىرىشى كېرەك».

نۇرىي تۈركەل يەنە: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىغان شىركەتلەرگە سىزچە ھۆكۈمەتلەر قانداق ياردەم قىلىشى كېرەك، بۇنداق شىركەتلەرنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قانۇن چىقىرىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى.

بۇنىڭغا ئۆركەش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يەردە قانۇن چىقىرىشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇنازىرىلەشمەسلىك. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تەكرارلايدىغان ‹بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز› دەيدىغان گېپى بار. خىتاي مۇشۇنداق گەپ قىلغاندا ئامېرىكا كېسىپ تۇرۇپ ‹ياق، بىز بۇنىڭغا ئارىلىشىمىز، چۈنكى ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىشىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز بار›، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. . . شۇندىلا ئامېرىكا خىتايغا توغرا سىياسەت قوللىنالايدۇ».

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا قولغا چۈشكەن مېڭ ۋەنجۇ مەسىلىسىدە قوللانغان گۆرۈگە ئېلىۋېلىش سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ؛ «دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىش دېپلوماتىيەسىدىن ساۋاق ئېلىپ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بىر جىنايەت گۇرۇھى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىمۇ بىر جىنايى گۇرۇھ بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ سىياسەت قوللىنىشى كېرەك» دېدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يەنە ئۆركەش دۆلەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سوئال سوراپ ؛ «سىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى تاللىدى، ئۇلار خەلقئارانىڭ، ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرنىڭ بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ۋە كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەي قالدىمۇ؟» دەپ سورىدى.

ئۆركەش دۆلەت بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي بۇنى ھەقىقەتەن مۆلچەرلىيەلمەي قالدىمۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىغاندا قاتتىق چۆچۈدى. بىراق بۇ نېمىنى ئۆزگەرتتى؟ مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى تەخمىن قىلالمىدى ئەمەس، بەلكى ئۇ بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ يەتتى. شۇڭا ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى تاللىدى» دېدى.

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مىللىتى، ئىرقىي سەۋەبىدىن ياكى نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىغاندەك مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ياكى تىلىمىز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمايۋاتىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلار خىتايغا تەسلىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتىكى بىردىن-بىر ئۇسۇلى تەسلىم قىلىشتىن ئىبارەت. خىتاي ئۆز رېجىمى ئاستىدىكى 10 مىليون ئۇيغۇرنى بويۇن ئەگدۈرەلمىدى. مانا شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. . . دۇنيا بۇنىڭغا تېخى تەدبىر قوللانمىدى، ئۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقى قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ لاگېردىكى بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟. . . توغرا، دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلگەندە بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈدى. ئەمما كەسكىن بىر تەدبىر ئېلىپ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىدەك دەرىجىدە چۆچۈدىمۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بىز بۇنىڭ جاۋابىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز»

ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنى تەنقىدلەش ياكى ئانچە-مۇنچە جازا تەدبىرلىرى بىلەن توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا چوقۇم ئامېرىكا ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ بىردەك كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا ؛ «ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر باندىت ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشى ۋە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، خىتايدىكى ئۆكتىچىلەرگە، ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرگە ياردەم قىلىشى كېرەك، دېموكراتىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەۋاتقان تەيۋەنگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «بۈگۈنگىچە يۈرگۈزۈلگەن خاتا سىياسەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكامۇ خاتاسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن قورقماسلىقى كېرەك، ئامېرىكا ئەگەر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ»، دېدى.

سىلەر يۇقىرىدا ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنىڭ خۇدسون ئىنستىتۇتىدىكى بىر سائەتلىك سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشتۇڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.