ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەمدەمدە بولغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.10.04
Seudi-erebistan-padishahi-salman-bin-abduleziz-shi-jinping.jpg خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2017-يىلى 16-مارت، بېيجىڭ.
AFP

 

ب ب س «خەۋەر كەچلىكى پروگراممىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەمدەمدە بولغان.


خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە ھەج پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ساق قويمىغان. 

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئانا سودىنىسا ئېرى ئوسماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج قىلىۋاتقان مەزگىلدە پۇقراچە كىيىنگەن سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ 15 كۈندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ھەسرەت ئىلىكىدە بايان قىلغان. 

ئۇنىڭ بەش بالىسى بار بولۇپ، ئېرىدىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بالىلىرىمىز دادىسىز قالدى. بىز يالغۇز قالدۇق. بىز مۇشۇ ياشقا كەلگەندە كۆيۈنۈشكە موھتاج بولغاندا ئايرىلىپ قالدۇق. ھەم ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلدۇق، ھەم ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلدۇق، ھەم ئەرلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.»

سودىنىسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خوتەندىكى ۋاقتىدا قول-ئىلىكىدە بار باي ئائىلىلەردىن ھېسابلانغاچقا 2014-خىتاي ئۇيغۇر بايلىرىنى تۇتۇشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ ئېرى 3 ئاي قامالغان. 

كېيىن ئۇلار بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئەمما 2018-يىلى ئۇنىڭ ئېرى-ئوسمان ئۆمرە ھەجىسىنى قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئوسمان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. 

خەۋەردە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 5 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 3 نەپىرى بىلەن شەخسىي تونۇشلۇقى بارلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ب ب س مۇخبىرى بىلەن كۆرۈشكەن باشقا ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سىرت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكنى ئېيتىشقا. ئەمما خەۋەردە بۇ دۆلەتلەردىن قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. 

2016-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلىنىڭ بېشىدا مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 300 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ۋە دۇنياۋى ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.