ئافغانىستانغا سايلام تەييارلىقلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا


2004.10.05

ئافغانىستانغا، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام پائالىيەتلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا، نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنت كارزاي تۇنجى قېتىم، كابۇلدا ئۆزى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن.

ئەنگلىيە ب ب س شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ھەققىدە توختالغان كارزاي "مەجبۇرىي يوسۇندا دۆلەت باشقۇرۇش دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى" دەپ بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم كارزاي، پايتەختتە خەلق ئارىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقتىن ئۆزىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ ئارىدا، كابۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز، 5 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ كابۇلدا، ئافغانىستانغا 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ماددىي بۇيۇم ياردىمى بېرىش ھەققىدە ئىمزا ماقۇللىغانلىقى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئافغانىستان بىلەن كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە ئافغانىستانغا مەخسۇس زىيارەتتە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.