ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى
2008.01.26
شەنبە كۈنى ئافغانىستان دائىرىلىرى، ئىراننى تالىبانلارنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرى، پەيشەنبە كۈنى فراە ئۆلكىسىدە، تالىبانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان قورال-ياراق قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ قوراللارنىڭ كۆپ قىسمى ئىراندا ياسالغان ئىكەن.
فراە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھىتتىن بالۇچنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قوراللار، يېقىندا ئىران ئارقىلىق فراە ئۆلكىسىگە كىرگەن. ئۇ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "بۇ قوراللارنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىدىن خەۋەرسىز، ئافغانىستانغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ، ئىران ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خادىملىرى، بۇندىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئىران ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن ھازىرغىچە پرېزىدېنت كارزاي ھۆكۈمىتى، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى بۇزماسلىق ئۈچۈن، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇشەررەف : كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئەركىن ، ئادىل بولىدۇ
- پاكىستان ساقچىلىرى بۇتتونى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى
- ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- بۇتتونىڭ يولدىشى، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى
- بەنەزىر بۇتتونىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىزىنى باستى
- پاكىستان دائىرىلىرى: بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل - قائىدىنىڭ قولى بار
- سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى









