0:00 / 0:00
ئافغانىستانغا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق دېموكراتىك سايلام 9-چىسلا تىنچلىق بىلەن ئاياغلاشتى. گەرچە، تالىبان ۋە ئەل قائىدە كۈچلىرىنىڭ سايلام جەريانىدا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، سايلامنىڭ تىنچلىق بىلەن ئاياغلاشقانلىقى ئافغانىستان خەلقىنى سۆيۈندۈردى.
سايلامغا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولغان كىشىلەر سايلامغا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى خالىغان كىشىنى سايلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.
بۇنى تەپسىلاتىنى ئافغانىستاندىكى ئۆز مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتتىن ئاڭلاڭ.