ئالما-ئاتادىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا تىل كرىزىسى يۈز بەردى
2004.08.20
قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇتنىڭ ئاپتونوم رايون پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ۋۇ دۇنفۇدىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشكە بولىدىغان -بولمايدىغانلىقىنى سورىغانلىقى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق غۇل-غۇلا قوزغىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت بىلەن ئاپتونوم رايون پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ دۇنفۇ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت ئۆمىكى، 17 -ئاۋغۇست كۈنى ئالما-ئاتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئالما-ئاتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالما-ئاتا شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى خىتايچە سۆزلىگەن كۈرەش مەخسۇتتىن سوئاللىرىغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، كۈرەش مەخسۇت يېنىدىكى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ۋۇ دۇنفۇدىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغان. كۈرەش مەخسۇت، مۇخبىرنىڭ سوئالىغا ۋۇ دۇنفۇننىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ خەلقئارا سورۇندا تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقىدىن ئۇيغۇرچە سۆزلەش رۇخسەت ئالغانلىقى دىپلوماتىك سەتچىلىك، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسى ئورنىنى ئەكس -ئەتتۈرىدىغان ئەڭ جانلىق پاكىت دەپ باھا بېرىشمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمايىل ئەمەت بىلەن تۆمۈر داۋامەتلەر ئەينى چاغدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان زىيارىتىدە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان. (ئەركىن)